2-ئاينىڭ15-كۈنى،تايلاندنىڭ باڭكوك شەھىرىدىكى PC Air ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ يېڭى لىنىيە ئېچىش مۇراسىمىدا،جىنسىنى ئۆزگەرتكەن ئايروپىلان كۈتكۈچىسى خېنىملار مەيدانغا چىققان.ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ ئۇقتۇرۇشىچە،بۇ ئاۋىئاتسىيە شىركىتى پۈتۈن دۆلەت بويىچە،ھەتتاكى پۈتۈن دۇنيا بويىچە بىرىنچى بولۇپ جىنس ئۆزگەرتكەن ئايرۇپىلان كۈتكۈچىسى ئىشلەتكەن ئاۋىئاتسىيە شىركىتى ھېسابلىنىدىكەن.بۇ ئىش جىنس ئۆزگەرتكەنلەرنىڭ ئادىل ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈرۈشىدىكى تىرىشچانلىقىنى ئىپادىلىگەن.PC Air ئاۋىئاتسىيە شىركىتى مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا جىنس ئۆزگەرتكەن سەتەڭلەر كۈتكۈچىلىك قىلىدىغان ئاسىيا يۈنىلىشىدىكى لىنىيىسىنى ئىشقا كىرىشتۈرىدىكەن.