ئۆلىۋالغان مودىل قىز
قىز ئۆلىۋالغان رېلىس
چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ 20-چىسلادىكى خەۋىرى:ئەنگىلىيە پورت شەھىرى گاردېفتىكى بىر ياش مودېل قىز ئوغۇل دوستى بىللە كىنو بېرىشتا ۋەدىسىگە ۋاپا قىلمىغانلىقتىن ئاچچىقىدا ئۆلىۋالغان.
بۇ يىل 16ياشقا كىرگەن گەبۈرىيال.يېسىف كەچتە ئوغۇل دوستىنىڭ يوللىغان ئۇچۇرىنى تاپشۇرىۋالغان، ئۇچۇردا ئوغۇل دوستى ئۇنىڭغا ئەتە كەچتىكى كىنو بارالمايدىغانلىقىنى ئېيىتقان، ئوغۇل دوستىنىڭ ۋەدىسىگە ۋاپا قىلمىغانلىقىنى كۆرگەن قىز "يۈز گىرىمى تورى"دا، "بۇ قېتىملىق ئۇچىرشىش يەنە سۇغا چىلاشتى، مەن شۇنداق ئازابلىنىپ كېتىۋاتىمەن، مېنىڭ بۇ دۇنيادىن خوشلاشقىم كېلىۋاتىدۇ"دەپ يازغان.
ئاخىرىدا بۇ مودېل قىز ئۆيىگە يېقىن يەردىكى رېلىستا يېتىپ ئۆلىۋالغان.خەۋەردە ، تېخى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بۇ قىزنىڭ مەكتەپتە ئىنتايىن تىرىشىپ ئوقۇيدىغانلىقى، دەرىستىن سىرت كىيىم-كېچەك دۇكانلىرىدا سائەتلىك ئىشلەيدىغانلىقى دېيىلگەن. ئۇ ئىلگىرى مىكرو بىلوگىغا مۇنداق يازغان:"ئەگەر ئورنىنى باسقىلى بولمايدىغان ئادەم بولماقچى بولسىڭىز، چوقۇم باشقىلار بىلەن پەرىقلىنىپ تۇرىدىغان ئالاھىدە ئادەم بولىشىڭىز كېرەك" دەپ يېزىۋالغان.
مودېل قىزنىڭ دادىسى قىزىدىن ئايرىلىپ قالغاندىن كېيىن:"مەن بۇ ئېچىنىشلىق ئۆلۈم ئارقىلىق، ھازىرقى زامان ياشلىرىغا، خاپىلىق ھەم ئازابىڭىزنى ئۆزىڭىز ئىشىنىدىغان ئادەم بىلەن بىللە ھەل قىلىشقا پېتىنالايدىغان ئادەم بولۇڭ، ئىنتايىن ئۈمىدسىزلەنگەن چېغىڭىزدا سىزگە تەسەللىي بېرىدىغان سىزنى سۆيىدىغان نۇرغۇن كىشلەر بار، شۇلار بىلەن بىرگە قىيىنچىلىقلار ئۈستىدىن غالىپ كېلىڭ، ئادەم ئۆمرىدە ھەل قىلالمايدىغان ئىش يوق، پەقەت چىداملىق، غەيرەتلىك بولسىلا ھەممە ئىش ئۆتۈپ كېتىدۇ، بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرىۋالسا سىزنى سۆيىدىغان كىشلىرىڭىز بىر ئۆمۈر ئازاب ئىچىدە قالىدۇ، ئۇ بولسىمۇ سىزنى مەڭگۈ سۆيىدىغان ئاتا-ئانىلىرىڭىز...." دەپ ھازىرقى زامان ياش كىشلىرىگە سەمىمىي مەسلىھەت بەردى.