ئەنگلىيە كېلەر يىلىدىن باشلاپ ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرىدۇ

0 2011-12-22 10:27:17   www.basbas.cn   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
   جۇڭگو رادىئو ئىستانسىسى تورىنىڭ بېيجىڭ 21-چىسلادىكى تېلىگراممىسى:جۇڭگو ئاۋازى‹‹يەر شارى خەنزۇچە رادىئو تورى›› نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا،ئەنگلىيە باش ۋەزىرى كامىرون 20-چىسلا تۇيۇقسىز ئەنگىلىيىنىڭ ئافغانىستاننىڭ جەنۇبى قىسمىدا تۇرۇشلۇق ئەنگلىيە ئارمىيىسىنىڭ قىسىملىرىنى زىيارەت قىلىپ،ئەنگلىيە ئارمىيىسىنىڭ كېلەر يىلىدىن باشلاپ ئەسكەر چېكندۈرىدىغانلىقىنى شۇنداقلا 2014-يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن شۇ يەردىكى جەڭ ۋەزىپىسىنى ئاخىرلاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

   كامىرون ئەسلىدىكى پىلان بويىچە خېرماندى ئۆلكىسىگە جايلاشقان ئەنگلىيە ئارمىيىسىنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق بازىسىنى زىيارەت قىلماقچى بولغان ،ئەمما قۇم-بورانلىق ھاۋارايىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن،ئايروپىلان قونۇشقا ئامالسىز قالغان بولۇپ،كامىرون قەندىھارغا جايلاشقان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ بازىسىنى زىيارەت قىلغان،بۇ يەردە 400نەپەر ئەنگلىيە ئەسكىرى بار.

  كامىرون ئىپادە بىلدۈرۈپ،ئافغانىستان ئارمىيىسىنىڭ مەشىقتىكى نەتىجىسىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى شۇنداقلا 2014-يىلنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ،ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئەنگلىيە ئارمىيىسىنىڭ پۈتكۈل جەڭ ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاپ بولۇشىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان.كېلەر يىلى تەخمىنەن 500ئادەم ئالدى بىلەن چېكىندۈرۈلۈپ،ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئەنگلىيە ئارمىيىسىنىڭ سانى 9000ئادەمگە ئازىيىدۇ،ئەنگلىيىمۇ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن  كەلگۈسى 3يىلدا  ئەسكەر چېكندۈرۈش پىلانى ئۈستىدە سۆھبەتلىشىدۇ دېگەن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博