ئوباما بىلەن بايدىن ‹‹ئىراق ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمى››غا قاتناشماقچى

0 2011-12-21 11:26:51   خەلقئارا لىنيە تورى خەۋىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

    ئەنگلىيە قوغدىنىش گېزىتىنىڭ 20-چىسلادىكى خەۋىرىگە قارىغاندا،ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما بىلەن مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ جو بايدىن شۇ يەر ۋاقتى 20-چىسلا مارىلاند شىتاتىغا يېقىن ئاندىروس ھاۋا ئارمىيە بازىسىدا ئۆتكۈزىلىدىغان مۇراسىمغا قاتنىشىپ،ئىراق ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىمەكچى بولغان.

   ئوباما ئالدىنقى ھەپتە شىمالىي كارولىنا زىتاتنىڭ بىراگدا دۆلەتكە قايتىپ كەلگەن قىسىملارنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە شۇنداقلا ئىراق زۇڭلىسى مالىك بىلەن كۆرۈشكەن بولۇپ بۇ ئىراق ئۇرۇشىنىڭ رەسمىي ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  خەۋەردە ئېيتىلىشچە،ئامېرىكىنىڭ ئەسكەر چېكىندۈرىشى 9-يىلغا سوزۇلغان ئىراق ئۇرۇشى ئاخىرى ئۈندەش بەلگىسى قويغان، بۇ ئۇرۇشتا جەمئىي 4500نەپەرگە يېقىن ئامېرىكا ئەسكىرى ئۆلۈپ،32000ئادەم يارىلانغان،ئىراق ئۇرۇشىغا ئاجرىتىلغان ئومۇمىي چىقىم نەچچە تىرىلىيون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كەتكەن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博