2011 - يىلى12-ئاينىڭ19-كۈنى، ئۈرۈمچى ۋاقتى چۈشتىن كىيىن سائەت 4:00 تە «شىنجاڭ ئىلچى كىيىم-كېچەك مەدەنىيەت تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى»نىڭ تۈركىيە داڭلىق كىيىم لاھىيلىگۈچىسى «خەدىچە گۆكچې»بىلەن توختام ئىمزالاش ۋە ۋاكالەتچىلەرگە رەھمەت ئېيتىش يىغىنى ئاچتى .«خەدىچە گۆكچې»تۈركىيە ئەرەنچە زامانىۋى كىيىم- كېچەكلەرنى لاھىيلەش ساھەسىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان بولۇپ، باشلامچى ئورۇندا تۇرىدۇ، خەدىچە خانىم زامانىۋى كىيىم-كېچەك فوندى جەمئىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى بولۇش بىلەن بىرگە شۇ جەمئىيەتنىڭ بىر ئەزاسى، خەدىچە خانىم تۈركىيەدىكى كىيىم-كېچەك لاھىيلەش ئورگىنىنىڭ مودا ئېقىم مەسلىھەتچىسى، شۇنداقلا ئۇ بۇرۇن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ "جەمئىيەت مەسئۇلىيەت"تۈرىنىڭ مۇھىم ھەمكارلاشقۇچىسى بولغان، ئۇ ھەممىمىزگە تۇنۇشلۇق بولغان «تاركان » قاتارلىق كۆپلىگەن ناخشا ۋە كىنو چولپانلىرى بىلەن ھەمكارلاشقان.
ئىلچى شىركىتىنىڭ تۈركىيە لاھىيلىگۈچىسى بىلەن ھەمكارلىشىشىدا مۇنداق ئۈچ سەۋەب بار:ئالدى بىلەن ياۋروپا دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن تۈركىيە لاھىيلىگۈچىلىرىنىڭ مودا ئېقىم يلىنىشىنى ئىگىلەپ تۇرۇشىدا ئۆزىگە خاس ئەۋزەللىكى بار، ئۇنىڭدىن باشقا ، تۈركىيە كىيىم-كېچەك كەسپى بىرقەدەر تەرەققىي قىلغان، شۇنداقلا كۆلەم جەھەتتىن پۈتۈن دۇنيا بويىچە پەقەت جۇڭگونىڭ كەينىدىلا تۇرىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، تۈركىيە كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتى شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنىڭ كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتىگە بىرئاز يېقىنلىشىدۇ، ئىلچى شىركىتى گەرچە شىنجاڭنىڭ داڭلىق تاۋار ماركىسى بولغان بولسىمۇ، لېكىن جۇڭگونىڭ داڭلىق ماركىسى ۋە دۇنياغا تونۇشلۇق ماركا بولىشىغا يەنە ئۇزۇن ئارىلىق بار، قانداق قىلىپ بۇ ئارىلىقنى كىچىكلىتىش كېرەك، قانداق قىلىپ ماركىنى تېخىمۇ بىرقەدەر يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك، بۇلارنىڭ ھەممىسى لاھىيلەش ۋە يېڭىلىق يارىتىشتىن كېلىدۇ.
لاھىيلەشتە باشتىن ئاخىرى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىك ئېلېمېنتلىرىنى مودا پاسونغا بىرلەشتۈرۈپ لاھىيلەيدۇ، بۇنداق بولغاندا «مىللىي ئەنئەنىنىڭ يېڭى ئەسىردىكى جۇلاسى-ئىلچى»دېگەن ئىدىيىسىنى تېخىمۇ تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ، ئىلچى شىركىتىنىڭ بىر داڭلىق لايھىلىگۈچى بىلەن ھەمكارلىشىشى شىركەتنىڭ شىنجاڭ كىيىم-كېچەك ساھەسىنىڭ كەلگۈسىگە تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن قارىغانلىقىنىڭ نامايەندىسى.
يىغىندا شىنجاڭ ئىلچى كىيىم-كېچەك مەدەنىيەت تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ باش لىدىرى دولقۇن غوجىئەخمەت ئەپەندى بىلەن تۈركىيەنىڭ داڭلىق كىيىم لاھىيلىگۈچىسى خەدىچە خانىم سەھنىگە چىقىپ توختام ئىمزالىدى.توختام داغدۇغىلىق ئىمزالانغاندىن كېيىن، ئىلچى شىركىتىنىڭ 2011-يىللىق كۈز-قىشلىق كىيىم-كېچەكلىرى ھەم كىيىم-كېچەك لاھىيلەش مۇسابىقىسىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى كۆرسىتىلدى، ئىلچى شىركىتىنىڭ كۆز-قىشلىق مەھسۇلاتلىرى، ئىلچى ئەرەنچە-ئايالچە مامۇق چاپانلىرى سەھنىدە مودېللار ئارقىلىق ئاخبارات ساھەسىدىكى دوستلار ۋە قەدەم تەشرىپ قىلغان مېھمانلارغا كۆرسەتتى، ئارقىدىن ئىلچى شىركىتى لاھىيلىگۈچىسى نەفىسە نۇرنىڭ كىيىم-كېچەك مۇسابىقىسىدە مىس مېدالغا ئېرىشكەن "غەربىي يۇرت ئېقىمى"ناملىق ئەسىرى كۆرگەزمە قىلىندى،ئاندىن ئىلچى شىركىتىنىڭ لاھىيلىگۈچىسى پاتىگۈل ئەركىننىڭ كۈمۈش مېدالغا ئېرىشكەن "دەۋر مودېسى"ناملىق ئەسىرى كۆرگەزمە قىلىندى، بۇ ئىككى لاھىيلىگۈچى لاھىيلىگەن كىيىملەر پاسون جەھەتتە ئاددى ھەم كۆركەم، كىلاسسىك ھەم ئېسىل بولۇپ ھازىرقى زامان ئاياللىرىنىڭ كىيىشىگە ھەم گۈزەللىككە بولغان كۈچلۈك ئىنتىلىشىگە ئىنتايىن ماس كېلىدۇ. بۇنىڭدا مودا ئېقىم بىلەن مىللىي ئەنئەنە بىرلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، ئاددىلىق ئىچىدىن ھەشەمەتلىك چىقىپ تۇرىدۇ.
بۇ پائالىيەت توختام ئىمزالاش ھەم كۆرگەزمە قىلىش پائالىيىتى بولۇپلا قالماستىن يەنە .ئىلچى شىركىتى 2011-يىللىق ۋاكالەتچىلەرگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش پائالىيىتى ،ھەر يىلى 12-ئايدا ئىلچى شىركىتى ۋاكالەتچىلەر ۋە دۇكان باشلىقلىرىغا قارىتا باھالاش ئېلىپ بارىدىغان بولۇپ، بۇ قېتىملىق توختام ئىمزالاش پائالىيىتىدىن پايدىلىنىپ ئىلغار ۋاكالەتچى ۋە دۇكان باشلىقلىرىنى باھالىدى ھەم مۇكاپاتلىدى.
خوتەن شەھىرىدىكى ۋاكالەتچى مەمەت ئابلا بۇ يىللىق سودا سوممىسى ئالدىنقى يىلدىكى 2مىليوندىن 3مىليونغا يەتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات يەنى تۈركىيەگە بەش كۈنلۈك ساياھەتكە بېرىشقا مۇيەسسەر بولىدىغان بولدى.
ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى بولسا ئۈرۈمچىدىكى ۋاكالەتچى ئوبۇلھەسەن ھاجىم بولۇپ ئالدىنقى يىلدىكى 2 مىليون 500مىڭلىق سودا سوممىسىدىن 3مىليون 500مىڭ يۈەنگە چىقارغان بولۇپ، بېيجىڭغا يەتتە كۈنلۈك ساياھەتكە چىقىشقا مۇيەسسەر بولىدىغان بولدى.
ئۈچىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى بولسا ئاۋات ناھىيىسىدىكى ۋاكالەتچى يالقۇن ھاجىم، ئۇنىڭ يىللىق سودا سوممىسى 2مىليون يۈەندىن ئاشقان بولۇپ، 5000يۈەن مۇكاپات سوممىسىغا ئېرىشتى.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئىلغار دۇكان باشلىقلىرى تەقدىرلەندى،خوتەن مەخسۇس سېتىش دۇكىنى باشلىقى بۇزەينەپ دۇكان باشقۇرۇش، مۇلازىمەت، مال تىزىش، مال زاكاز قىلىش جەھەتتىن ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكتىن 5000يۈەن نەق پۇل مۇكاپاتقا ئېرىشتى.
ئۈرۈمچى چوڭ بازاردىكى مەخسۇس سېتىش دۇكىنىنىڭ دۇكان باشلىقى قۇربان، بازار كۆزىتىش مال زاكاز قىلىش جەھەتلەردىكى ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بىلەن ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات يەنى 3000يۈەن نەق پۇل مۇكاپاتقا ئېرىشتى.
تۇرپان ئىلچى مەخسۇس سېتىش دۇكىنىنىڭ دۇكان باشلىقى خالىدە، دۇكاننىڭ سودا سوممىسىنى 35پىرسەنت ئاشۇرۇپ، زور تىرىشچانلىق كۆرسەتتى، خالىدە 2000يۈەن نەق پۇل مۇكاپاتقا ئېرىشتى.
بۇ قېتىملىق پائالىيەت داغدۇغىلىق ھەم تەنتەنە ئىچىدە ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈلدى، بىز ئىلچى كىيىم -كېچەك مەدەنىيىتى شىركىتىنىڭ بۇندىن كىيىن تېخىمۇ گۈللىنىپ مىللى كىيىم -كېچەك مەدەنىيىتىمىزنى دۇنياغا يۈزلەندۈرۈشىگە چوڭقۇر تىلەكداشلىق بىلدۈرىمىز.
شىنجاڭ ئىلچى كىيىم-كېچەك مەدەنىيەت تەتقىقات چەكلىك شىركىتى 2002-يىلى12-ئاينىڭ11-كۈنى قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ 9 يىل تەرەققىيات ئارقىلىق، ئىلچى 200تال پوپايكا، پەقەت بىرلا خادىمى ھەمدە سېتىش كىرىمى 10نىڭ يۈەنلىك كىچىك دۇكاندىن تەرەققىي قىلىپ، يۇڭ پوپايكا، كاسۇيۇم بۇرۇلكا، شىم،راھەت شىم،نېك كىيىملىرى، خۇرۇم چاپان،مامۇق چاپان،پىلاش،قوي تىۋىتى كىيىملىرى، سپانكا چاپان، كۆينەك، گاڭسار، خۇرۇم ئاياغ، فلىستۇك، كەمەر،خۇرۇمدىن ياسالغان مەھسۇلاتلار، كۆزەينەك، ئىچ كىيىم، دوپپا ۋە ئەرەنچە ،ئايالچە كىيىملەر قاتارلىق مەھسۇلاتلىرى بار بولغان، 117نەپەر ئىشچى-خىزمەتچىسى بار بولغان، كىرىمى 20مىلىيوندىن ئاشىدىغان كارخانىغا ئايلاندى، ئىلچى ماركىسى شىنجاڭنىڭ داڭلىق تاۋار ماركىسى دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەن