16-دېكابىر، 16-ئەۋلاد دارۋاز ماھىرى، ‹‹ پەلەك شاھى ›› ئادىل ھوشۇر ئۆزىنىڭ ئۆمىكىنى باشلاپ شىنجاڭ يېڭىسار ناھىيەسى ئۇچار يېزىسىغا كېلىپ، يۇرتىدىكى نەچچە يۈز ئاممىغا ئېسىل سېرك نومۇرلىرىنى كۆرسەتتى ھەمدە نەق مەيداندا قىيىنچىلىقى بار 60 نەپەر ئاممىغا 500 يۈەندىن يېڭى يىللىق ھال سوراش پۇلى تارقاتتى .