يېقىندا، غۇلجا ناھىيەسىنىڭ خۇدىياريۈزى يېزىسى بوستان كەنتىدىكى دېھقان زېكىرۇللا ئۆز ئۆيىدىكى لاپاستا بۆشۈكلەرنى سىرلىماقتا. بوستان كەنتى ئىلى دەريا ۋادىسىدىكى داڭلىق «بۆشۈك ياساش كەنتى»، نۆۋەتتە، پۈتۈن كەنتتىكى 96 ئائىلىلىك دېھقاننىڭ ئەنئەنىۋى ھۈنەر سەنئەت تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ ياسىغان بۆشۈكلىرى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى بازارلاردا قارشى ئېلىشقا ئېرىشتى، بۇ يىل پۈتۈن كەنت بويىچە قازاقىستانغا 20 مىڭ دانە بۆشۈك چىقىرغان بولۇپ، 2 مىليون يۈەندىن كۆپرەك پېرېۋوت ياراتتى.