12-دېكابىر ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى كىلىنتوننىڭ قىزى چېرشى ئامېرىكا مەملىكەتلىك رادىيو ئىستانسىسىدا تۇنجى قېتىم مۇخبىرلىق سالاھىيىتى بىلەن ئۆزىنى ئاشكارىلىدى.
خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، چېرشى ئاركانزاس شىتاتىدىكى نامرات بالىلار مەسىلىسى توغرىسىدىكى 3 مىنۇتلۇق سىنئالغۇلۇق زىيارەتكە قاتناشقان بولۇپ، يەنە مەلۇم خەۋەردە رىياسەتچىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىۋاتقان كۈرۈنۈشى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، قارىماققا خاتىرجەم كۆرۈنىدۇ.
پىروگراممىنى بارلىققا كەلتۈرگۈچى ئان نېت. دوف پىروگرامما قۇيۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، چېرشىنى «ئىپادىسى ناھايىتى ياخشى» دەپ ماختاپ كېلىپ« ئۇ كەسپىي جەھەتتىكى تەييارلىقى ناھايىتى ياخشى بوپتۇ. سىز ئۇنىڭ ئىنتايىن ئەقىللىقلىقىنى ھېس قىلىپ يېتەلەيسىز. مېنىڭچە ئۇنىڭ ئىپادىسى نىسبەتەن ئۆزگىچە بولدى دەپ قارايمەن» دېگەن.
ئالدىنقى ئايدا NBCچېرشى.كىلىنتوننى تولۇق ۋەزىپىلىك ئالاھىدە مۇخبىرلىققا تەيىنلەپ، ئۇنى «باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان» تۈردىكى ۋەزىپىلەرگە تەيىنلىگەنلىكىنى خەۋەر قىلغانىدى. قىزىق يېرى كىچىك بۇشنىڭ قىزى جېننى.بۇش بىلەن چېرشى ئىككىسى خىزمەتداش ئىكەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، چېرشى.كىلىنتون ئامېرىكا زۇڭتۇڭلىرىنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى ئىچىدىكى ئەڭ ياش ئاخبارات مۇخبىر ئىكەن. ئۇ ئىلگىرى مۇل-مۇئامىلە شېركىتىدە ئىشلىگەن، ھەمدە دادىسىغا ئەگىشىپ خەير-ساخاۋەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان بولسىمۇ، ئاخبارات ئىشلىرى توغرىلىق ئىلگىرى ھېچقانداق تەجرىبىسى يوق ئىكەن.
«ۋاشىڭتون پوچتا گېزىتى» تورىدا ئېلان قىلغان بىر باھا ماقالىسىدا، ئاخبارات كەسپى توغرىلىق ھېچقانداق تەجرىبىسى بولمىغان چېرشىنىڭ «ئىپادىسى ئادەتتىكىچە» بولۇپ، «ئۇنىڭ ئامېرىكا مەملىكەتلىك رادىيو شېركىتىدە مۇخبىر بولۇشى زور غۇلغۇلىنى پەيدا قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ تۇنجى قېتىم ئۆزىنى كۆرسەتكەن چاغدىكى ئىپادىسى كىشىنى ھېچقانداق جەلپ قىلالمايدۇ. بىر بولسا ھازىر تالانتلىقلار كۆپلەپ چىقىۋاتقان تېلىۋېزىيە ساھەسىدىكىلەر كىشىگە پۇتاقچىلاردەك تۇيغۇ بېرىدۇ، يەنە بىر بولسا چېرشى ئەڭ بىمەنە پىروگرامما مۇخبىرى»دېگەن.
«چېرىشنىڭ پروگراممىسى ناھايىتى ئاددىي: بىر قىسىم خەۋەرلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىش، تاماشىبىنلارغا ياردەملىشىپ مەسىلىنى ھەل قىلىشنى كۆرسىتىپ بېرىش. مۇخبىرلارغا ئۆزىنىڭ ھۆرمىتىنى بىلدۈرۈش، شۇنىڭ نەتىجىسىدە NBCغىمۇ ھۆرمىتىنى بىلدۈرۈپ قويۇش. بۇ دەل چېرشىنىڭ تېلېۋىزىيە ئىشلىرى بىلەن، «باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان» خەۋەر شەكلى بىلەن شۇغۇللىنىشىدۇر.»