تەيۋەن"بۈگۈنكى خەۋەر"نىڭ14-چىسلادىكى خەۋىرى:ئورۇقلاش ئاسان ئىش ئەمەس، لېكىن يېنىڭىزدا سىز بىلەن بىرگە ئورۇقلاشقا ھەمرا بولىدىغان ئادەم بولسا، ئۆز-ئارا رىغبەتلەندۈرۈپ ھەرىكەت قىلسا بۇنىڭ ئۈنۈمى چوقۇم ئىنتايىن ياخشى بولىدۇ. كورىيەدە بىر جۈپ"ئېغىرلىقى ئارتىپ كەتكەن"مۇھەببەت ئورۇقلاشنى قارار قىلىپ، 6ئاي ئىچىدە بىرلىكتە 80كىلو ئورۇقلىغان، ئورۇقلىغاندىن كېيىن ساھىپجامال قىز بىلەن كېلىشكەن يىگىتكە ئايلىنىپ كەتكەن.
بۇ بىر جۈپ مۇھەببەت ئەمەلىيەتتە ئۆزىنىڭ بەدەن شەكلىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كەتمىگەن بولۇپ، يىگىتنىڭ ئېغىرلىقى 115كىلو، قىزنىڭ ئېغىرلىقى 83كىلو چىقىدىكەن، لېكىن يىگىتنىڭ سېمىزلىكى ئۇنىڭ نۇرغۇن قېتىملىق يۈز تۇرانە ئىمتىھانىغا تەسىر يەتكۈزۈپ خىزمەتكە چىقىشىغا توسالغۇ بولغان، شۇنىڭ بىلەن يىگىت ئورۇقلاش پىلانىنى باشلاشنى قارار قىلغان.
كۆيۈمچان قىز دوستى يىگىتىگە رىغبەت بېرىش ئۈچۈن بىرلىكتە ئورۇقلاشنى باشلىۋەتكەن، ئۇلار كۈندە 4~5سائەت ۋېلىسپىت مىنىدىغان بولۇپ، ئۆيىدە ھەرخىل بەدەن چېنىقتۇرۇش ئەسۋابلىرىنى ئۈزۈلدۈرمەي مەشىق قىلغان، قىزمۇ كۈندە ھەرخىل تەنھەركەت ئەسۋابلىرىنى ئىشلىتىپ بەدەن شەكلى بارغانسىرى گۈزەللەشكەن.
ئىككىسىنىڭ بىر-بىرىنى رىغبەت قىلىش ئارقىسىدا، 6ئايدىن كېيىن يىگىت 115كىلودىن 75كىلوغا چۈشكەن، قىز بولسا 83كىلودىن 43كىلوغا چۈشكەن، ئىككىسى جەمئىي 80كىلو ئورۇقلىغان، شۇنىڭ بىلەن سېمىز بىر جۈپ مۇھەببەتتىن قاملاشقان ھەم گۈزەل بىر جۈپ مۇھەببەتكە ئايلانغان، ئۇلاربىزنىڭ ئەمدى"بۇرۇنقى ھالىتىمىزگە قايتقىمىز يوق"دېگەن، ئۇلار تاھازىرغىچە ۋەھشىي يېيىش ئادىتىنى يوقاتمىغان، ھازىرمۇ يۇقىرى ئېنىرگىيەلىك يېمەكلىكلەرنى داۋاملىق يەيدۇ، لېكىن ئۇلار يەپ بولغاندىن كېيىن يەنە ھەرىكەت قىلىش ئارقىلىق كالورىيەنى يوقاتقان.
ئورۇقلاشتىن بۇرۇن
ئورۇقلىغاندىن كېيىن