بالا ئېيىق ئانىسىنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويغانلىقى ئۈچۈن،ئۇنى قۇچاقلاپ ئەپۇ سورىدى

0 2011-12-16 11:08:45   جۇڭگو ئاخبارات تورى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

    چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ 14-چىسلادىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، دانىيەنىڭ ئالبۇرگ ھايۋاناتلار باغچىسىدا يېقىندا بىر ئىللىق كۆرۈنۈش يۈز بەرگەن.يەنى بىر شىمالىي قۇتۇپ ئېيىقى بالىسى ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويغاچقا ئانىسى‹‹ئۇنى قاتتىق تەنبىھلىگەن››،ئەمما ئويلىمىغان يەردىن ئېيىقچاق ئانىسىغا ئېتىلىپ، ئانىسىنىڭ بوينىنى قۇچاقلىغان بولۇپ،خۇددى‹‹ئاپا خاپا بولمىغىن››دېگەندەك قىلاتتى.

   بالىسى قۇچاقلاپ قويغاندىن كېيىن،شىمالىي قۇتۇپ ئېيىقىنىڭ ئاچچىقى يانغاندەك،بالىسىنىڭ خاتالىقىنى‹‹قايتا سۈرۈشتۈرمىگەن›› .ئەمما بۇ ھايۋاناتلار باغچىسىدىكى خادىملارنىڭ ئېيتىشىچە،قۇچاقلاش ئاللىبۇرۇن بۇ ئېيىقچاقنىڭ ئانىسىنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشىدىكى كونا ئۇسۇلى بولۇپ قالغان.

   خىزمەتچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە،‹‹بۇ ئېيىقچاق ناھايىتى كەپسىز بولۇپ،سەكرەپ-تاقلاپ جىم تۇرمايدىكەن،ھەتتا بەزىدە ئانىسىنىڭ سەۋرچانلىقىنىڭ زادى قانچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلىپ باقماقچى بولىدىكەن.ئەمما ئۇ ھەر قېتىم  ئانىسىنى قۇچاقلاپ قويسىلا ئانىسى قايتا ئاچچىقلانمايدىكەن››.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر