ئاپتونوم رايوننىڭ 2010 - يىللىق يەر، قېزىلما بايلىقنى سۈنئىي ھەمراھتىن تارتىلغان سۈرەتكە ئاساسەن قانۇن ئىجرا قىلىپ تەكشۈرۈش ۋە يەر ئېلىش، ئۆي چېقىش - كۆچۈرۈش خىزمىتى ئالاقە يىغىنى 14 - دېكابىر كورلا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى نۇرلان ئابىلمەجىن يىغىندا مۇنداق تەكىتلىدى: يەر باشقۇرۇشتىكى ئورتاق مەسئۇلىيەت مېخانىزمىنى پائال ئورنىتىش كېرەك، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر، بولۇپمۇ، ئاساسلىق رەھبەرلەر يەر باشقۇرۇشتىكى باش مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، يەر باشقۇرۇش خىزمىتىنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇشى كېرەك. ئالاقىدار تارماقلار ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، يەر باشقۇرۇش خىزمىتىنى بىرلىكتە ياخشى ئىشلىشى لازىم.
يىغىندا ئاپتونوم رايوننىڭ 2010 - يىللىق يەر، قېزىلما بايلىقنى سۈنئىي ھەمراھتىن تارتىلغان سۈرەتكە ئاساسەن قانۇن ئىجرا قىلىپ تەكشۈرۈش ۋە يەر ئېلىش، ئۆي چېقىش - كۆچۈرۈش خىزمىتىنىڭ ئەھۋالى ئۇقتۇرۇلدى. 30 - سېنتەبىرگىچە، قانۇنسىز يەر ئىشلىتىشكە دائىر 2700دىن ئارتۇق دېلو تۇرغۇزۇلۇپ، 2200 دېلو تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان، يىغىۋېلىش، جەرىمانە قويۇش، مۇسادىرە قىلىش سوممىسى 100 مىليون يۈەندىن ئاشقان، بىر كىشىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلگەن، 64 كىشىگە مەمۇرىي چارە كۆرۈلگەن. قېزىلما بايلىقلارنى قانۇنسىز چارلاش، قېزىشقا دائىر 105 دېلو تۇرغۇزۇلۇپ، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان، قانۇنسىز قېزىلغان 4000 توننىدىن كۆپ كان مەھسۇلاتى مۇسادىرە قىلىنغان، كان قېزىش ئىجازەتنامىسىدىن ئىككىسى بىكار قىلىنغان، 22 ئالاقىدار مەسئۇل كىشى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىلىپ تەنقىدلەنگەن.
نۇرلان ئابىلمەجىن مۇنداق تەكىتلىدى: تېرىلغۇ يەرنى قوغداشتىكى ئەڭ قاتتىق تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭى قۇرۇلۇش يېرى كۆلىمىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە قاتتىق تىزگىنلەش كېرەك. ئاپتونوم رايوننىڭ »ئۈچلەشتۈرۈش« قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تەلىپىگە ئاساسەن، نۇقتىلىق ئۇل مۇئەسسەسە، بايلىق بازىسى قۇرۇلۇشى، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى ۋە بازارلاشتۇرۇش تەرەققىياتىنىڭ يەر ئىشلىتىش ئېھتىياجىغا كۈچەپ كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.