ئاممىۋى ئاپتوبۇسنىڭ تېمپىراتۇرىسى 32 سېلسىيە گرادۇسقا چىقتى،يولۇچىلار ئىسسىققا چىدىمىدى

0 2011-12-20 11:37:55   65933.com   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

   قەھرىتان قىش پەسلىدە،ماشىنىغا ئولتۇرغاندا ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئېچىپ قويۇش ئەسلىدە ناھايتىمۇ راھەت بىر ئىش.ئەمما يېقىندا نۇرغۇن شەھەر ئاھالىلىرى گېزىتخانىغا ئىشقا چىققاندا ۋە ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىنكى ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇش يۇقىرى پەللىسىدە ماشىنا ئىچى قىستاڭ بولغاندىن سىرىت ھاۋا ئۆتۇشمەيدىغانلىقىنى،يەنە كېلىپ ماشىنىنىڭ ھاۋا تەڭشىگۈچىسىنى ئېچىۋىتىدىغانلىقىدىن كىشلەرنىڭ ئىسسىققا چىدىمىغانلىقىنى،بۇنىڭ بىلەن ماشىنىدىن چۈشكەندە ئاسانلا زۇكام بولىدىغانلىقىنى ئىنكاس قىلدى.ئۇنداقتا قىشتا ئاممىۋى ئاپتوبۇسلار زادى ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئېچىۋېتىشى كېرەكمۇ-يوق؟
   قىش پەسلىدە ئاممىۋى ئاپتوبۇسنىڭ تېمپىراتۇرىسى زادى يۇقىرىمۇ ياكى تۆۋەنمۇ؟ئادەتتىكى ماشىنا بىلەن ھاۋا تەڭشىگۈچلۇك ماشىنىنىڭ زادى قانچىلىك پەرقى بار؟مۇخبىر مۇشۇ مەقسەتتە تېرمومېتىر ئېلىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى.
   18-دېكابىر چۈشتىن كېيىن سائەت 3 دە،مۇخبىر سىرىتتا بىردەم تۇرىۋىدى،قولىدىكى تېرمومېتىر  نول سېلسىيە گىرادوسنى كۆرسەتتى.10 مىنۇتتىن كېيىن 224 -يول ئادەتتىكى ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا چىقتى،ئاپتوبۇستا بوش ئورۇن يوق ئىدى،ئون نەچچە ئادەم ئۆرە تۇراتتى،ئاپتوبۇس ئىچى ئانچە قىستاڭ ئەمەس ئىدى.سىرىتتىن ماشىنىغا ئەمدىلا چىققان كىشىگە ماشىنا ئىچىنىڭ تېمپىراتۇرىسى نورمالدەك بىلىنەتتى.تېرمومېتىر ئاستا-ئاستا ئۆرلەپ 20 سېلسىيە گىرادوسقا چىقتى.
   چۈشتىن كېيىن سائەت 3:30 دا،مۇخبىر 600-يول ئاپتوبۇسىغا چىقتى،ماشىنىدا يولۇچىلار كۆپ ئىدى،سىرىتتىن ئاپتوبۇسقا ئەمدىلا چىققان كىشىگە نىسپەتەن ماشىنا ئىچى ناھايتىمۇ راھەت تۇيغۇ بېرەتتى،ئاپتوبۇس ئىچىدىن ئىسسىق شامال چىقىپ تۇراتتى،ئاپتوبۇسنىڭ قوزغىلىشىغا ئەگىشىپ مۇخبىر ئىسسىشقا باشلىدى،ئۇنىڭ قولىدىكى تېرمومېتىر 27 سېلسىيە گىرادۇسنى كۆرسەتتى،دېرىزە تەرەپتە ئولتۇرغان ئىككى يولۇچى دېرىزىنى ئازراق ئېچىپ قويدى.
   چۈشتىن كېيىن مۇخبىر سائەت 6 دە 800-يول ھاۋا تەڭشىگۈچلۈك ئاپتوبۇسقا چىقتى.ئاپتوبۇستا ئادەم نىسپەتەن كۆپ ئىدى،گەرچە ئۇ كۈنى دەم ئېلىش كۈنى بولسىمۇ 800-يول ئاپتوبۇسى ئاساسلىق لېنىيە ئاپتوبۇسى بولغاچقا ئادەم يەنىلا ناھايتى كۆپ ئىدى.سىرىتتىن ئاپتوبۇسقا چىققاندىلا ماشىنا ئىچىدىكى دىمىقچىلىقنى ھېس قىلغىلى بولاتتى.ئىككى ياندىكى دېرىزىلەرنى ھور قاپلاپ كەتكەن ئىدى،ماشىنا قوزغىلىپ يەنە بىر بېكەتكە كەلگەندە بۇ بېكەتتى يەنە نۇرغۇن يولۇچىلار چىقتى،ماشىنا ئىچى قىستاڭچىلىق بولۇشقا باشلىدى.مۇخبىرنىڭ پېشانىسى تەرلەشكە باشلىدى،يولۇچىلار ئىسسىقتىن ئاغرىنىشقا باشلىدى،بۇ چاغدا مۇخبىرنىڭ قولىدىكى تېرمومېتىر نەق 32 سېلسىيە گىرادۇسنى كۆرسەتتى.
   ئاممىۋى ئاپتوبۇس بېكىتىدە مۇخبىر قىسمەن شەھەر ئاھالىلىرىدىن<<قىش پەسلىدە ئاممىۋى ئاپتوبۇسنىڭ ھاۋا تەڭشىگۈچىسىنى ئېچىش كېرەكمۇ-يوق؟>>دېگەن مەسىلىگە بولغان كۆز قاراشلىرىنى سورىدى،كۆپ قىسىم شەھەر ئاھالىلىرى ئاممىۋى ئاپتوبۇسلارنىڭ ھاۋا تەڭشىگۈچىسىنى مۇۋاپىق تەڭشەش توغرىسىدا پىكىر بەردى،بەزى شەھەر ئاھالىلىرى قىش پەسلىدە ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئېچىشنىڭ ھاجىتى يوق،-دېدى.
   سۇڭ ئۇستام مۇخبىرغا مۇنداق دېدى:ھازىر نۇرغۇن ئادەتتىكى ئاممىۋى ئاپتوبۇسلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ھاۋا تەڭشىگۈچلۈك ئاپتوبۇسقا ئالماشتۇرۇلدى،قىشتا ئىللىق،يازدا سالقىن بولىدۇ،بۇ ئىش شەھەر ئاھالىلىرىغا نىسپەتەن بىر ياخشى ئىش ھېسابلىنىدۇ،شۇڭا ھاۋا تەڭشىگۈچلۈك ئاپتوبۇسلارنىڭ تېمپىراتۇرىسىنىڭ مۇۋاپىق دەرىجىدە تەڭشەپ قويۇلۇشىنى،ئىشتىن چۈشۈش ۋە قايتىش مەزگىلىدە ھاۋا تەڭشىگۈچنى تاقىۋېتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.بۇنداق بولغاندا بايلىق ئىسراپچىلىقى پەيدا بولمايدۇ.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博