ئەنگىلىيە كۈندىلىك پوچتا گېزىتىنىڭ 4-چىسلادىكى خەۋىرىگە قارىغاندا،ئەنگىلىيە تۆۋەن پالاتاسىنىڭ باشلىقىنىڭ ئايالى ئالدىنقى كۈنى باش ۋەزىر كامىروننى ئەيىپلەپ،ئۇنى ھاكاۋۇر ،قۇرۇق سۆلەت بەگزادە ،ئۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن ئادەم چىقىشالمايدۇ دېگەن.
ئەنگىلىيە تۆۋەن پالاتاسىنىڭ باشلىقى جون بوكانىڭ ئايالى سالى بوكا ئالدىنقى كۈنى زىيارەت قوبۇل قىلغاندا سۆزلەپ:مېنىڭچە كامىرون ئالاھىدە ياخشى ئادەم ئەمەس،ئۇ بىر ئاسان يېقىنلاشقىلى بولمايدىغان قۇرۇق سۆلەت بەگزادە دېگەن بولۇپ،سالىنىڭ سۆزى تۆۋەن پارلامېنتتىكى ئەھۋالنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرۋەتكەن بولۇپ،نۇرغۇن كونسىرۋاتىپ پارلامېنت ئەزالىرى ئۇنىڭ ئېرىدە سولچىل خاھىش بار دەپ قارىغان.
ئادەتتىكىدەك قىلىپ ئېيتقاندا،پارلامېنت باشلىقلىرىنىڭ ئايالى ئېغىر-بېسىق كېلىدۇ.ئەمما 3بالىنىڭ ئانىسى بولغان سالى تىۋىتتىردا ئوبزور ئېلان قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ.بۇ يىلنىڭ بېشىدا،ئۇ تىۋىتتىردا ئوبزور ئېلان قىلىپ،مالىيە ۋەزىرى جورجى ئوسبىننى‹نېرۋا كېسەل››دېگەن بولۇپ،يەنە ئىچكى كابېنتتىكىلەرنى شەخسىي بايلىقى بار دەپ تەنقىدلىگەن.شۇنىڭ بىلەن كونسىرۋاتىپلار پارتىيىسى بوكانىڭ ئايالىنىڭ گەپ سۆز قىلغاندا ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشىنى،بولمىسا ئۇنىڭ تېخىمۇ كۆپ پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرايدىغانلىقىنى ئېيتقان.
سالى ئىلگىرى ئەنگىلىيە‹‹داڭدار كىشى››پىروگراممىسىدا‹‹قوپال جىنسىي تۇرمۇش››ىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاشكارلىغانلىقتىن، تۇنجى بولۇپ مەيداندىن قوغلاپ چىقىرىلغان ئادەم بولۇپ قالغان.جون بوكا ئۇچرىغان قېيىنچىلىق ئاخىرلاشماي تۇرۇپلا،سالى بىر ژۇرنالنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا،ئۆزىنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان جىنسىي ئويۇنچۇقىنىڭ تەۋرەتكۈچ ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ھەمدە ياش ۋاقىتلىرىدا نۇرغۇن‹‹بىر كىچىلىك ئىشىق››نى باشتىن ئۆتكەزگەنلىكىنى،شۇنداقلا بۇنىڭدىن پۇشايمان قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.ئۇنىڭدىن باشقا،ئۇ ئىلگىرى تۆۋەن پالاتانى ئارقا مەنزىرە قىلىپ،ئەدىيالنى يېپىنىپ يالىڭاچ سۈرەتكە چۈشكەن.
پارلامېنت باشلىقىنىڭ ئايالى باش ۋەزىرنى سەت گەپ بىلەن تىللى...
ساياھەتچى يېڭى زېلاندىيەدە بىر ئاقىرىپ كەتكەن قۇلۇلىنى باق...
ئامېرىكا باش كاتىبى سۈرىيە ئۆكىتىچىلەر پارتىيەسىنىڭ ۋەكىلى...
بىلگىيەدە بىر دىكتور بىريىلدەك ساقال ئالماي ھۆكۈمەتسىز ھال...
يالىڭاچ سۈرەتكە چۈشكەن پاكىستانلىق ئايال ئارتىس ئەيىبلەشكە...