چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرى خەۋىرى:12-ئاينىڭ5-كۈنى، بىلگىيە پادىشاھسى ئالبېرتى ئىككى يېڭى نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت ئىچكى كابىنېت ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى، ئىچكى كابىنېت 7-چىسلا خىزمەتكە چۈشىدىغانلىقىنى قەسەم قىلدى.بىلگىيەنىڭ دۇنيا رېكورتىنى ياراتقان ھۆكۈمەتسىز ھالىتىنى ئاياغلاشتۇرغانلىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، ساقاپ قويۇش ئارقىلىق ھۆكۈمەت قاتماللىقىغا قارشى تۇرغۇچى تېلىۋىزىيە ئىستانسى دىكتورى بىريىلنىڭ ياقى ئېلىپ باقمىغان ساقىلىنى ئېلىۋەتتى.
بۇ دىكتورنىڭ ئىسمى Koen Filletبولۇپ، بىر يىل ئىلگىرى ھۆكۈمەت ئىچكى كابىنېتنىڭ تەشكىللىنىپ بولالمىغانلىقىغا نارازى بولۇپ، بۇندىڭدىن كېيىن ساقال ئالماسلىقنى قارار قىلغان ھەم ساقال قويۇپ ماڭغان، مانا بۇ داڭلىق"ساقال قويۇش ئارقىلىق نازازىلىق قىلىش" بولۇپ قالغان.
11-ئاينىڭ5-كۈنى، 540كۈندىن ئارتۇق ھۆكۈمەتسىز ھالەت ئاياغلاشقاندىن كېيىن ،بىلگىيە يېڭى ئىچىك كابىنېت قايتا تەشكىللەندى، Elio Di Rupoباش ۋەزىرلىكنى ئۈستىگە ئالدى، بىلگىيە پادىشاھسى ئالبېرتى ئىككى يېڭى نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت ئىچكى كابىنېت ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى.مۇشۇ ئاينىڭ7-كۈنى خىزمەتكە چۈشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ خىل ھۆكۈمەتسىز ھالەت ئاياغلاشقىننى تەبرىكلەش ئۈچۈن 327كۈن ساقىلىنى ئالمىغان Koen Fillet ئاخىرى ساقىلىنى ئېلىۋەتتى