يالىڭاچ سۈرەتكە چۈشكەن پاكىستانلىق ئايال ئارتىس ئەيىبلەشكە ئۇچىردى

6247 2011-12-07 13:26:37   شىنڭلاڭ تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

    ئامېرىكا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ 5-دېكابىردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا،پاكىستانلىق ئايال ئارتىس ۋىينا مالىكنىڭ ھېندسىتاندىكى بىر ژۇرنالغا سۈرىتى بېسىلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر تورغا چىققاندىن كېيىن نۇرغۇن پاكىستان ئاممىسىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى.
    بۇ سۈرەتنى  ھىندىستاندىكى<<ئەرلەر گورۇھى>>ژۇرنىلى تارتقان.ئۇ بۇ سۈرتكە قىلچە تەپتارتماي چۈشكەن،پەقەتلا ئۈچ يېرىنى توسۇۋالغان.ئوڭ بىلىكىگە يەنە پاكىستان 3-ئارمىيىسى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ئىنگىلىزچە نامى (ISI) بېسىلغان.گەرچە بۇ ژورنال 12-ئايدا تارقىتىلسىمۇ ئەمما سۈرەت مۇددەتتىن بۇرۇن ئاشكارلىنىپ كەتكەن شۇنداقلا تور پونكىتىدا پەيدا بولۇپ،كەڭ بەس-مۇنازىرە قوزغىغان.
   پاكىستان بىلەن ھىندىستان تارىختا ئۈچ قېتىم ئۇرۇش قىلغان.ISI ئىزچىل ھالدا ھىندىستان تەرەپنىڭ چېگرا ئىچىدە كۆپ قېتىم تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىشتىكى پەردە ئارقىسىدىكى قارا قول دەپ قارىلىپ كەلگەن.پاكىستان قوغدىنىش مەزھىپى مۇسۇلمانلىرى خادىمى كاۋىي 3-دېكابىر كەچتە تېلېۋېزوردا نۇتۇق سۆزلەپ مۇنداق دېدى:ۋېينا مالىكنىڭ يالىڭاچلىنىپ ھېندىستاندىكى ئەرلەر ژورنىلىدا پەيدا بولدى،بۇ پاكىستان دىنىدا ۋە دۆلەتتە مەنئىي قىلىنغان.شۇنداقلا بارلىق مۇسۇلمانلار ئۈچۈن بىر خىل نومۇس.پېشاۋۇر رايونىدىكى 40 ياشلىق بىر دۇككان خوجاينى مۇنۇلارنى بىلدۇردى:سۈرەت پاكىستاننىڭ ئەشەددىي دۈشمىنى ھېىدىستانغا بىر پاكىستان تەرەپنى خورلايدىغان پۇرسەت يارىتىپ بەردى،ئۇ(مالىك)پۈتكۈل پاكىستاننى قارا باستۇردى.
   ئۇندىن باشقا بەزى كىشلەر بۇ سۈرەتنىڭ راستلىقىدىن گۇمانلاندى.38 ياشلىق خالىد مۇنداق دېدى:بۇ مېنىڭچە ھندىستاننىڭ پاكىستان تۆھمەت قىلىش ئۈچۈن ئويدۇرۇپ چىقىلغان سۈرەت بولۇشى مۇمكىن ياكى تەسىرىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق توختىماي تەشۋىق قىلىشى بولۇشى مۇمكىن.بۇ خەۋەر ھەتتا پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارنىڭ قۇلىقىغىمۇ يېتىپ بولدى.قانۇنىي ۋاستە ئارقىلىق سۈرەت ۋەقەسىنى قانۇنىي ۋاستە ئارقىلىق ھەل قىلىدىغان ياكى قىلمايدىغانلىقى سورالغاندا پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى راخمان مالىك 3-دېكابىر بىز ئالدى بىلەن سۈرەتنىڭ ھەقىقى ياكى ساختىلىقىغا قارايمىز،-دېدى.
   ئەمەلىيەتتە،سۈرەتتىكى ھەقىقىلىقى ۋېينا مالىك تەرىپىدىن جەزىملەشتۇرۇلدى.ئۇ ئۆزىنىڭ يۈرەكلىك بىلەن ئەمما قېپيالىڭاچ ھالەتتە سۈرەتكە چۈشمىگەنلىكىنى ئىقرار قىلدى.ئۇ يەنە ژورنال مۇھەررىرىنىڭ ISI دېگەن خەتنى سۈرەتنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى بىلەن قاپلايدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.ئۇنىڭ چۈشەندۇرۇشى بولغاندا بۇ سۈرەتنى تارتىشنىڭ ئەسلى مۇدداسى پاكىستاننىڭ ھىندىستانغا بولغان جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىگە بولغان ئەندىشىسىنى زاڭلىق قىلىشتىن ئىبارەت.<<ھېندىستاندا قانداقلا ئىش يۈز بەرمىسۇن ئۇلار يەنىلا پەردە ئارقىسىدىكى قول پاكىستان 3-ئارمىيىسى ئاخبارات ئىدارىسى (ISI)دەپ قارىغان.
   بۇ مالىكنىڭ تۈنجى قېتىم ئاۋارىچىلىق تېپىپ بېرىشى ئەمەس،بۇ گۈزەل پاكىستانلىق ئايال ئارتىسنىڭ خىزمىتى ھىندىستاندا،ئۇ يەرنىڭ  كۆڭۈل ئېچىش كەسپى شىددەت بىلەن تەرەققى قىلماقتا،ئەمما پاكىستاننىڭ كۆڭۈل ئېچىش كەسپى نىسبەتەن چۆلدەرىگەن ھالەتتە.بۇ سەۋەبلىك ھىندىستان بىلەن بولغان يېقىن مۇناسىۋەتكە ئاز بولمىغان تالاش-تارتىشلارنى ئېلىپ كېلىدۇ.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博