ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنىتلىقىنىڭ 6- نويابىر خەۋىرىدە ، پاكىستاندا 15 ياشلىق بىر يولدا موتسىكىلىت مىنگەن ئەر كىشىگە سىنجىلاپ قاراپ قويغانلىقى ئۈچۈن ئاتا - ئانىسى تەرىپىدىن ئېغىر جازاغا تارتىلغان ، يەنى ئاتا - ئانىسى بۇ قىزنىڭ يۈزىگە كىسلاتا چېچىش ئارقىلىق قىزىنى جازالىغان . بۇ قىزىنىڭ ئاتا - ئانىسى زىيارەتنى قۇبۇل قىلغاندا ، قىزىنىڭ ئائىلىسىنىڭ يۈزىنى تۆككەنلىكى ئۈچۈن كىسلاتا چېچىش ئارقىلىق جازالىغانلىقىنى بىلدۈرگەن .
خەۋەردە دىيىلىىشچە ، بۇ قىزنىڭ دادىسى مۇھەممەت . زافارنىڭ دىيىشىچە ، ئەينى چاغدا قىزى يولدا كېتىپ بارغاندا بىر موتسىكىلىت مىنگەن ناتۇنۇش ئەرگە قارىغان . شۇ چاغدا مۇھەممەت قىزىغا بۇنداق قىلىشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئېيتقان . قىزىمۇ ئەينى چاغدا ئۆزىنىڭ قەستەن قارىمىغانلىقىنى ، بۇنىڭدىن كېيىن ناتۇنۇش ئەرلەرگە قارىمايدىغانلىقى توغرىسدا ۋەدە قىلغان ، بىراق دەل قىزى ۋەدە بېرىۋاتقان ۋاقىتتا ئانىسى قولىدىكى كىسلاتانى قىزنىڭ يۈزىگە چاچقان . ئانىسى گاسىن مۇنداق دىگەن :" قىزىمنىڭ كىسلاتا چېچىپ ئۈلۈپ كىتىشى ئۇنىڭ پىشانىسىگە پۈتۈلگەن " .
ئىگىلىنىشىچە ، بۇ خىل ھەركەت " شەرەپلىك قەستلەپ ئۆلتۈرۈش " دەپ ئاتىلىدىكەن . بۇ " شەرەپلىك قەستلەپ ئۆلتۈرۈش " نىڭ مەنىسى قاتىل ئائىلە ئەزالىرىنى ئائىلىنىڭ شان - شۆھرىتىنى قوغداش ئۈچۈن ئۆلتۈرىدىكەن . زىيانكەشلىككە ئۇچرايدىغانلار ئاساسەن قىزلار بولۇپ ، باشقىلار تەرىپىدىن باسقۇنچىلىققا ئۇچرىسا ، چىرايلىق ياسانسا ھەم مودا يۈرسە ، توي قىلىشقا ئۇنىمىسا ھەم ئاجرىشىشىنى تەلەپ قىلسا ،ھەتتا ناتۇنۇش ئەر كىشىگە لاپ بىر قاراپ قويسىمۇ بۇ " جازا " غا ھۈكۈم قىلىنىدىكەن .
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسانى ھوقوق ئورگىنىنىڭ سىتاتىسكىسىغا قارىغاندا ، " شەرەپلىك قەستلەپ ئۆلتۈرۈش " يەر شارى خارەكتىرلىك كېڭىيىۋاتقان ، بولۇپمۇ ئوتتۇرا شەرق ۋە جەنوبى ئاسىيا رايۇنلىرىدا ھەتتا ئامېرىكا ، ئەنگلىيە قاتارلىق جايلاردىمۇ بۇ خىل " جازالاش " تەدبىرى دىلوسى يۈز بەرگەن .
نەچچە سىكۇنت ئىچىدىلا يانفون ياكى ماشىنىلارغا توك قاچىلاپ ب...
يېڭىدىن سايلانغان<<چولپان ئەزالار>>مۇخبىرلارنىڭ دىققىتىنى ت...
نەچچە يۈز مىليۇن قىپيالىڭاچ ھىندى مۇرتلىرى گانگا دەرياسىدا ...
سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنى ئ...
رىم جۇڭگولۇقلار مەھەلىسىدىكى پۇل توشۇش ماشىنىسى بۇلاڭچىلار...