
لوندون 11-ئاينىڭ 29-كۈنى تېلېگراممىسى،ئەنگىليە دىپلوماتىيە مىنىستىرى خېيگىنىڭ 29-چېسلا كۆرسىتىشىچە،ئىران ھۆكۈمىتى چوقۇم ئىراندىكى ئەنگىليە كونسۇلخانىسىنى ياخشى قوغدىمىغانلىقىغا مەسئۇل بولۇشى كېرەك ئىكەن،چۈنكى بۇ ئىش بولسا ئىران ھۆكۈمىتى چوقۇم قىلىشقا تېگىشلىك ئىش ئىكەن.ئۇنىڭ يەنە دېيىشىچە بۇ ۋەقە يەنە نۇرغۇن يامان ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىكەن.
29-چېسلا ئەنگىليىنىڭ ئىراندا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسى قارشىلىق بىلدۈرگۈچىلەرنىڭ زەربىسىگە ئۇچۇرغاندىن كېيىن،كونسۇلخانا ئىچىدىكى نەرسىلەر بولۇپ كېتىلگەن،كونسۇلخانا ئەينەكلىرى چېقىپ تاشلانغان.قارشىلىق بىلدۈرگۈچىلەر كونسۇلخانا ئىچىگە بېنزىن بومبا تاشلاپ،بىر كىچىك قۇرۇلۇشىنىڭ كۆيۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.قارشىلىق بىلدۈرگۈچىلەر ئەنگىليە كونسۇلخانىسى ئالدىغا ئېسىلغان ئەنگىليىنىڭ بايرىقىنى كۆيدۈرۈۋەتكەن،ۋە ئۇنىڭ ئورنىغا ئىراننىڭ بايرىقىنى چىقىرىپ قويغان.
ئەنگىليە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى بۇ ۋەقەگە نىسبەتەن ناھايىتى ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈردى،ۋە ئىران تەرەپنى قاتتىق ئەيىبلىدى،ئەنگىليە دىپلوماتىيە مىسنىتىرى خېيگىنىڭ دېيىشىچە،ئىران ھۆكۈمىتى ئەنگىليىنىڭ كونسۇلخانىسىنى ياخشى قوغدىمىغان،بۇ ئىراننىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشى دەپ كۆرسەتتى. خېيگىنىڭ ئاشكارىلىشىچە،ئەنگىليە دىپلوماتىيە مىسنىتىرلىقى ئاللىقاچان ئىراندا ۋاقىتلىق ئىش بېجىرىش ئورنىنى ۋاقتىنچە توختىتىپتۇ.ئۇنىڭ دېيىشىچە،بۇ ۋەقە ناھايىتى ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىكەن،30-چېسلا ئەنگىليە دۆلەت مەجلىسى ئەڭ يېڭى باياناتىنى ئېلان قىلىدىكەن.
ئەنگىليە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ئاللىقاچان ئىراندا ساياھەتتە بولۇۋاتقان ئەنگىليە پۇقرالىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ،ئۇلارنى ۋاقتىنچە سىرتقا چىقماسلىققا ئەسكەرتىپتۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا ئەنگىليە رادىئو ئىستانسىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا،ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ كۆرسىتىشىچە،گەرچە ساقچى تەرەپ كۈچىنىڭ بارىچە تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ،ئەمما بىر قىسىم ئاز ساندىكى قارشىلىق بىلدۈرگۈچىلەرنىڭ قىلىپ يۈرگەن ئىشلىرى ئۈچۈن ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپتۇ،ھەمدە بۇ ۋەقەنى ئىچكىرىلەپ تەكشۈرىدىغانلىقىنى بايان قىپتۇ.
ھەمبەھىرلىنىڭ