
ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى 27– نويابىر مىسىر پايتەختى قاھىرەدە يىغىن ئېچىپ، سۈرىيەگە دەرھال ئىقتىسادىي جازا يۈرگۈزۈشنى قارار قىلدى.
قاتارنىڭ باش ۋەزىرى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە ۋەزىرى خاماد مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا جازالاش قارارىنى ئېلان قىلدى. بۇ قارار ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا 22 دۆلەت ئىچىدە ئىراق بىلەن لىۋاندىن باشقا 19 دۆلەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. سۇرىيەنىڭ ئەزا دۆلەتلىك سالاھىيىتى 11 – ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى توختىتىلغان ئىدى.
خاماد مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى يىغىننى ئېچىپ ناھايىتى ئازابلاندۇق، چۈنكى سۇرىيە ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەرئەرەب دۆلەتلىرى كۆزەتكۈچىلەر ئۆمىكىنىڭ كېلىشىمگە ئىمزا قويمىدى، سۇرىيە رايونىمىزدىكى مۇھىم دۆلەت، سۇرىيە كىرىزىسىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈش يۈزىسىدىن بۇ قارارنى چىقاردۇق.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى نەق مەيداندا ئالغان يازما قارارغا ئاساسلانغاندا، جازالاش تەدبىرىدە سۇرىيە يۇقىرى قاتلام ئەربابلىرى ۋە ئەمەلدارلىرىنىڭ ئەرەب دۆلەتلىرىدە زىيارەتتە بولۇشى چەكلىنىدۇ، سۇرىيە مەركىزىي بانكىسى بىلەن بولغان ئالاقە توختىتىلىدۇ، سۇرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان سودا ئالاقىسى توختىتىلىدۇ، لېكىن سۈرىيە خەلقىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ئەشيالار بۇنىڭ سىرتىدا؛ سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مەبلىغى توڭلىتىلىپ، سۈرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان پۇل مۇئامىلە ئالاقىسى، سۈرىيە سودا بانكىسى بىلەن بولغان بارلىق ئالاقە توختىتىلىدۇ، بارلىق ئەرەب دۆلەتلىرى مەركىزىي بانكىلىرىنىڭ ھۆكۈمەتلەر ئارا سودا ئالاقىسى ئۈچۈن سۈرىيە مەركىزىي بانكىسىغا مەبلەغ ئاجرىتىشى توختىتىلىدۇ، ئەرەب دۆلەتلىرى مەركىزىي بانكىلىرىنىڭ بانكا پۇل پېرېۋوتى ۋە سودا كىرېدىتىنى نازارەت قىلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ، لېكىن چەت ئەللەردىكى سۈرىيەلىك ئىشچىلارنىڭ ئائىلىسىگە پۇل ئەۋەتىش تۈرى، شۇنداقلا سۇرىيەدىكى باشقا ئەرەب دۆلەتلىرى گىراژدانلىرىنىڭ پۇل پېرېۋوت قىلىشى بۇنىڭ سىرتىدا قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆزئىچىگە ئالغان.
قاراردا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ سۈرىيەدىكى تۈرلەرگە سالغان مەبلىغى توڭلىتىلىدۇ؛ تېخنىكا ئىجرائىيە كومىتېتى بىر ھەپتە ئىچىدە ئەرەب دۆلەتلىرى مىنىستىر دەرىجىلىكلەر كومىتېتىغا سۇرىيەگە بېرىپ – كېلىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلار توغرىسىدا دوكلات يوللاپ، سۈرىيەگە بېرىپ – كېلىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنى توختىتىش ۋاقتى قارار قىلىنىدۇ، ئەرەب دۆلەتلىرى پۇقرالار ئاۋىئاتسيە كومىتېتى ۋە ئەرەب دۆلەتلىرى فوندىغا سۈرىيەگە ئالاقىدار جازالاش ماددىلىرىنى يۈرگۈزۈش ھاۋالە قىلىنىدۇ.
تېخنىكا ئىجرائىيە كومىتېتى ئىيوردانىيە،ئالجىرىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، سۇدان، ئاممان، مىسىر ۋە ماراكەش قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ۋە مۇتەخەسسىسلىرىدىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، ئاساسلىق ۋەزىپىسى ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك باشقا ئىشلارنى ئويلىشىش، بۇ ئىشلار سۇرىيە خەلقىنىڭ تۇرمۇشىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىغان بولۇپ، سۇرىيەنىڭ ئەتراپىدىكى دۆلەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك. بۇ كومىتېت بېكىتىلگەن ئۆلچەم بويىچە ئىستراتېگىيەلىك ئەشيالار تىزىملىكى تۈزۈپ، سۇرىيە يۇقىرى قاتلىمى ۋە ئەمەلدارلىرىنىڭ تىزىملىكىنى بىكىتىدۇ.
ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ باش كاتىپى ئەرەب مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ئىقتىسادىي جازا بىر قانچە تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، سۇرىيەدىكى قانلىق توقۇنۇشنى توختىتىش مەقسەت قىلىنغان. بەزى دۆلەتلەر كېيىنكى قەدەمدە باش ئەلچىلەرنى قايتۇرۇپ كېلىش ۋە دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش قاتارلىق سىياسىي جازا قوللىنىشنى ئوتتۇرىغا قويدى، لېكىن ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ھازىرچە مۇنداق پىلانى يوق. جازا يۈرگۈزۈشتىكى مەقسەت سۇرىيە ھۆكۈمىتىگە يەنىمۇ بېسىم ئىشلىتىش، ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى جازا كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئىجتىمائىي ئاقىۋەتنى ئويلىشىدۇ، شۇنداقلا تاشقى كۈچلەرنىڭ سۇرىيە ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىدىن تىرىشىپ ساقلىنىدۇ.
خاماد ئىنسانپەرۋەرلىك يولى تەسىس قىلىش مەسىلىسى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: ھازىرچە ئىنسانپەرۋەرلىك يولى تەسىس قىلمايمىز، لېكىن سۈرىيەنىڭ كېيىنكى باسقۇچلۇق ھەرىكىتىگە قارايمىز.ئۇ يەنە مۇنداق دېدى، بىز سۈرىيە مەسىلىسىنى يەنىلا ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى رامكىسى دائىرىسىدە ھەل قىلىشقا تىرىشىمىز، سۈرىيەنىڭ جىددىي ۋەزىيىتى ئىزچىل پەسەيمىسە، تاشقى ياردەم تەلەپ قىلىش توغرىسىدا ئىزدىنىمىز.
ھەمبەھىرلىنىڭ