چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ 30-چىسلادىكى خەۋىرى:ئەنگىلىيەدە، بىر ياۋايى ھايۋاناتلار مەركىزىدە، "دىڭسەيېر"ئىسىملىك تۈركە توخۇ بىلەن "بۇلەنبو"ئىسىملىك كىچىك بۇغا مۇھەببەت قاينىمىغا چۆككەن، تۈركە توخۇ ھەر كۈن ھەر ۋاقىت بۇغىدىن نېرى كەتمەيدىغان بولۇپ، ئەگەر بىرەسى بۇغىغا يېقىنلاشسا كۈركە توخۇ ۋارقىراپ ئۇلارنى يېقىن يولاتمايدىكەن.
خىزمەتچى خادىمنىڭ دېيىشىچە، تۈركە توخۇ دىڭسەيېر 9ئايلىق بولغاندا، بىر يۈك ئاپتوموبىلىدىن چۈشۈپ كېتىپ تاش يولغا دومىلاپ كېتىدۇ، تاشيولدىكى شوپۇر تەرىپىدىن بۇ ياۋايى ھايۋاناتلار مەركىزىگە ئەكىلىنىدۇ، بۇ ئىككى يىل ئىچىدە، بۇ تۈركە توخۇ دىڭسەيېر بۇغا دوستى بۇلەنبو بىلەن بىللە ياشايدۇ، بۇ مەزگىلدە بىر بىرىگە مېھرى چۈشۈپ، ئايرىلالماس قەدىناسلار ئايلىنىپ قالىدۇ.
مەسئۇل خادىم گېلۇك:'"ھېچكىم ئۇلارنى ئايرىۋىتەلمەيدۇ، ئۇلار بىللە تۇرىدۇ، بىللە ياشايدۇ، تېخى كۈندە ئۇخلاشتىن بۇرۇن تۈركە توخۇ دىڭسەيېر بۇغىچاق بۇلەنبونى تاتلىققىنە بىرنى سۆيۈپ قويىدۇ، ئۇلار بەك تاتلىق مۇھەببەتلەر"دەيدۇ.
ھىندىستانلىق نامراتلا «خوتۇنىنى ئىجارىگە بېرىپ» كۈن ئۆتكۈز...
جۇڭگو شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ پاكىستاننى بومب...
مۇبارەك تەختتىن چۈشكەندىن كېيىن، خەلق تۇنجى قېتىم دېموكرات...
سۈرىيە ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ جازالاش قارارىنى ئەيىپلە...
تۈركىيە ئاياللىرى كوچىغا چىقىپ ئائىلە زوراۋانلىقىغا قارشىل...
مىسىردا مۇبارەك تەخىتتىن چۈشكەندىن كېيىنكى تۈنجى دېموكراتى...