سۈرىيە ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ جازالاش قارارىنى ئەيىپلەپ،ئۆچ ئېلىش تەدبىرىنى ئويلىشىمىز دېدى

0 2011-11-30 11:04:59   شىنخۇا تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

28-نويابىر،كىشلەر دەمەشىق شەھەر مەركىزى سابا باخلات مەيدانىدا كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى ئۆتكۈزۈپ،ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ سۈرىيەنى جازالاش قارارىغا قارشى تۇردى.
   ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 27-نويابىر سۈرىيەنى جازالاش تەدبىرىنى ماقۇللىغاندىن كېيىن،سۈرىيە ئىقتىساد ۋە سودا مىنىستىرى مۇھەممەد نىدار شار مۇنداق دېدى:ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ قارارى <<خەتەرلىك ئۆرنەك>>بولۇپ،كەلگۈسىدە سۈرىيە پۇقرارلىرىنىڭ تۇرمۇشىغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ.تۈمەنلىگەن سۈرىيە پۇقراسى پايتەخىت دەمەشىقتە يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ،ئەرەپ ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ جازالاش قارارىغا قارشلىق بىلدۈردى.قاتار ۋە بېرلىن شۇ كۈنى سۈرىيەگە سەپەر قىلماسلىققا ئاگاھلاندۇردى.
   سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ <<ۋەتەن گېزىتى>>28-نويابىر ئىقتىساد ۋە سودا مىنىستىرى شارنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ،جازالاش بىر تۈرلۈك<<سىياسىي قارار>>،بۇ خەتەرلىك ئۇسۇل كەلگۈسىدە سۈرىيە پۇقرارلىرىغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ،-دەپ خەۋەر بەردى.
   ئۇ مۇنداق دېدى:ئەگەر جازالاش ئىجرا قىلىنسا سۈرىيەنىڭ تاشقى پېروۋوت مەنبەسى تەسىرگە ئۈچرايدۇ.ئەمما سۈرىيە ئىقتىسادىي مىسلىسىز ئۆز-ئۆزىگە خوجا بولۇپ،ھۆكۈمەت بۈندىن كېيىن ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى يەنىمۇ بىر قەدەم تەكىتلەيدۇ.باشار سۈرىيە يۇقىرى قاتلامدىكىلىرىنىڭ سەل تۇرۇپ كەلگۈسىدە ئېھتىماللىق بولغان ئۆچ ئېلىش تەدبىرىنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۇردى.
   ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى 27-نويابىر سۈرىيەنى جازالاش قارارىنى جاكارلىغان بولۇپ،تەدبىرلەر ئاساسلىقى سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئەرەب ئەللىرى دۆلەتلىرىدىكى خىراجىتىنى توڭلىتىش،سۈرىيە مەركىزى بانكىسى بىلەن بولغان ئالاقىنى توختىتىش،سۈرىيە يۇقىرى قاتلام ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ئەرەپ دۆلەتلىرىگە زىيارەتكە چىقىشىنى چەكلەش ۋە سۈرىيە ھۆكۈمىتى ئوتتۇرسىدىكى سودىنى توختىتىش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
   سۈرىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرى مۇئالىم 28-نويابىر ئاخبارات ئىلان قىلىش يىغىنىدا ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ سۈرىيەنى جازالاش قارارىنى جاكارلىشى <<ئىقتىسادىي ئۇرۇش>>ھېسابلىنىدۇ،سۈرىيە تەرەپ ئاللىقاچان تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللاندى.سۈرىيە سۆزلىشىشنىڭ بارلىق كۆزنەكلىرىنى ئېچىۋەتتى،ئەمما ئەرەپ ئەللىرى ئىتتىپاقى بۇ كۆزنەكلەرنى ساناپ تۇرۇپ تاقىۋەتتى.ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ مەيدانى ئېنىق،ئۇلار قاھىرەدە ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ  بىرلىشىپ ھۆكۈمەت سۆزلىشىشىنى ئۆتكۈزۈشنى ئويلايدىغان بولسا بۇ رەت قىلىنىدۇ.ھەقىقى سۆزلىشىش دۆلەتنى ياراشتۇرۇشقا يېتەكلىشى كېرەك.
   مۇئالىم مۇنداق دېدى:سۈرىيەنى جازالاشنىڭ تەسىرىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن سۈرىيە ئەرەب ئەللىرىگە ئەزا دۆلەتلەردىن 95 پىرسەنت ياكى 96 پىرسەنتلىك كاپىتالىنى چېكىندۇرۇپ چىقىپ كەتتى،بىز چوقۇم پۇقرارلارنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدىشىمىز كېرەك.
   مۇئالىم يەنە شۇ كۈنكى ئاخبارات ئىلان قىلىش يىغىنىدا ھۆكۈمەت بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ ئۆلتۈرۇلۈشىگە ئۇچراش سىنئالغۇ لېنتىسىنى قويدى.ئۇ مۇنداق دېدى:ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى سۈرىيە چىگىرىسى ئىچىدە قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ بارلىقىدەك ھەقىقەتنى ئىقرار قىلىشنى خالىمايدۇ،بۇ دېگەن ئىسپات.
   بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۆلچەرىچە،سۈرىيەدە 3-ئايدا توقۇنۇش يۈز بەرگەندىن تارتىپ ھازىرىغا قەدەر جەمئىي 3000 كىشى قازا قىلغان،بۇ ساب 200 نەپەر ئۆسمۇرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
   28-نويابىر پايتەخىت دەمەشىقتىكى كۆپ قىسىم مەكتەپلەر دەرس توختىتىپ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ يىغىلىشقا قاتنىشىشىغا قولايلىق يارىتىپ بەردى.سۈرىيە دۆلەتلىك تېلېۋېزىيە ئىستانسى تارقاتقان تېلېۋېزىيە خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە،نامايىشچىلار دەمەشىق شەھەر مەركىزى مەيدانىغا يىغىلىپ،باشارنىڭ سۈرىتىنى كۆتۈرۈپ،دۆلەت بايرىقىنى پۇلاڭلىتىپ،دۆلەت شېئىرىنى ئېيتقان.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博