ئامېرىكىنىڭ مەكتەپ ماشىنىسى
جۇڭگونىڭ مەڭتەپ ماشىنىسى
ئامېرىكا مەكتەپ ئاپتوبوسلىرىنىڭ بىخەتەرلىك دەرىجىسى ئادەتتىكى ماشىنىلاردىن 8 ھەسسە ئۈستۈن. ئامېرىكىنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى مەكتەپ ئاپتوبوسىنى سۈرۈشتۈرۈپ كەلسەك، 19-ئەسىرنىڭ20~30-يىللىرىدا، ئات ھارۋىسى مەكتەپ ئاپتوبوسى ھېسابلىناتتى، ھازىر ئامېرىكا مەكتەپ ئاپتوبوسلىرى ھەر يىلى تەخمىنەن 10000مىلىيون ئوقۇغۇچىنى ئەكىلىپ ئاپىرىدۇ، كۈندە 48تۈمەن مەكتەپ ئاپتوبوسى پۈتۈن ئامېرىكىنىڭ شەھەر،بازار، يېزىلىرىدا قاتناپ يۈرىيدۇ.2600تۈمەن ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنى ئەكىلىپ ئاپىرىدىغان بولۇپ، بۇ بالىلار ئامېرىكا ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپ ساننى ئىگەللەيدۇ.
ئادەتتە بۇ مەكتەپ ئاپتوبوسلىرىنى مەكتەپ تۇرۇشلۇق رايون ئېلىپ بېرىدۇ ياكى ئىجارىگە ئېلىپ بېرىدۇ، يەنە تېخى مەخسۇس مۇشۇنداق مۇلازىمەت تەمىنلەيدىغان شىركەتلەرمۇ بار.مەسلەن، نىيويورك شەھىرى مەكتەپ ئاپتوبوسلىرى كەسپىنى بىر قىسىم شىركەتلەرگە كۆتۈرە بېرىدۇ، توختام سەۋەبىدىن ئالدىنقى بىر مەزگىل نىيويورك شەھىرى مەكتەپ ئاپتوبوسى شوپۇرلىرى ئىش تاشلىماقچى بولغان، بۇمۇ خىل مۇلازىمەت تەمىنلەيدىغان شىركەتلەر 75%تىنى ئىگەللەيدۇ.
ئامېرىكا مەكتەپ ئاپتوبوسلىرى بىر قەۋەتلىك قىلىپ لاھىيلەنگەن بولۇپ، ئادەم توشۇش سانىنىڭ كۆپ-ئازلىقىغا قاراپ A、B、C、D دەپ تۆت خىل تىپكە بۆلۈنىدۇ، نۆۋەتتە مەخسۇس ئاپتوبوس ئىشلەپچىقىرىش شىركەتلىرى ئىشلەپ چىقىرىدۇ، ئەڭ كىچىك بولغىنى Aتىپلىق16~36گىچە ئادەم توشۇيدۇ،ئەڭ چوڭ بولغىنى Dتىپلىق بولۇپ، 54~90گىچە ئادەم توشۇيدۇ، لېكىن ئامېرىكىدا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغىنىCتىپلىق بولۇپ، 36~78كىچە ئادەم توشۇيدۇ، يەنە بۇ ئاپتوبوس "ئۇزۇن بۇرۇنلۇق مەكتەپ ئاپتوبوسى"دەپ ئاتىلىدۇ.
بۇ ئاپتوبوسلارنىڭ ھەممىسى سېرىق رەڭلىك بولۇپ، قارا يول-يول سىزىقلار بىلەن بويالغان، ئامېرىكا 1939-يىلىدىن تارتىپ مەكتەپ ئاپتوبوسلىرىنى سېرىق رەڭلىك مەخسۇس رەڭ قىلىنىپ كەلگەن، قۇياش پاتقاندا بولسۇن، كۈن چىقىشتىن بۇرۇن بولسۇن، بۇ سېرىق رەڭ ئىنتايىن كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدۇ.
1939-يىلى4-ئايدا، روكفېللېر فوندىنىڭ ياردىمى ئاستىدا، كولومبىيە ئۇنېۋېرسىتىتى پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتى پروفېسسورى فىرەنك،سېئىر نىيويوركتا پۈتۈن ئامېرىكا مەكتەپ ئاپتوبوسلىرىغا ئۆلچەم بېكىتىش يىغىنى چاقىردى، بۇ قېتىملىق يىغىن ئامېرىكا مەكتەپ ئاپتوبوسلىرى تارىخىدىكى"چوڭ قۇرۇقلۇق يىغىنى"غا ئايلىنىپ قالدى.
بۇ يىغىن 7كۈن ئېچىلغان بولۇپ، مەكتەپ ئاپتوبوسى رەڭگىنى سېرىق رەڭدە قىلىشتىن سىرت، يەنە 45تۈرلۈك مەكتەپ ئاپتوبوسلىرى بىخەتەرلىكى، لاھىيلەشتە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار، قائىدىلىرى، ئاپتوبوسنىڭ ئېگىزلىكى، كەڭلىكى، ئاپتوبوس ئىچىنىڭ كەڭلىك دەرىجىسى دېگەندەكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، مانا بۇ تۈزۈم ۋە قائىدە تەسىرىدە ئامېرىكا مەكتەپ ئاپتوبوسلىرى ئۆلچەملەشتۈرۈلگەن ھەم بىخەتەرلىك دەرىجىسى يۇقىرى بولۇپ، تا 21-ئەسىرگىچە يۈرگۈزۈلۈپ كەلگەن، مانا بۇلار پروفېسسورى فىرەنك،سېئىر تۆھپىسى بولۇپ، كېيىن ئۇ "مەكتەپ ئاپتوبۇس ئاتىسى"دەپ نام ئالغان.
نىيويوركنىڭ شوپۇرلۇق ئىمتىھانىدا مۇنداق بىر سوئال بار:"ئەگەر نىيويوركتا بىر مەكتەپ ئاپتوبۇسى يول بويىدا توختاپ ئوقۇغۇچىنى چۈشۈرۋاتقان بولسا، ئاپتوبوسنىڭ قىزىل رەڭلىك ماشىنا توختىتىش چىرىغى يېنىقلىق تۇرغان بولسا بۇ نېمىنى ئىپادىلەيدۇ؟"،بۇ سوئالنىڭ جاۋابى:" ھەرقانداق بىر يۆلىنىشتە يانداپ ئۆتۈپ كېتىشكە يول قويۇلمايدۇ".
نىيويوركنى مىسالغا ئالساق، مەكتەپ ئاپتوبوسى قۇتقۇزۇش ماشىنىلىرى ياكى ئالاھىدە جىددى ماشىنىلاردىن ئۈستۈن تۇرمىسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ قاتناش يولىدىكى ئالاھىدە ھوقۇقىغا سەل قارىغىلى بولمايدۇ. ھەرقانداق كېتىۋاتقان ماشىنا ياكى ئاپتوبوس بولسۇن، مەكتەپ ماشىنىسىنىڭ توختاپ بالىلارنى چۈشۈرۋاتقان بولسا، چوقۇم توختىشى ھەم مەلۇم ئارلىق ساقلاپ تۇرۇشى كېرەك، 1940-يىلىدىن تارتىپ، ئامېرىكىدىكى نۇرغۇن ئىشتاتلار مەكتەپ ئاپتوبوسنىڭ ئالاھىدە ھوقۇقىنى قانۇن چىقارغاندا قوشۇپ كەلگەن، 1970-يىلىدىن كېيىن بارلىق ئىشتاتلارنىڭ قانۇنىدا مەكتەپ ئاپتوبوسىنىڭ ئالاھىدە ھوقۇقى ئومۇملىشىپ مۇقىملىشىپ كەتكەن.
ئامېرىكىنىڭ مەكتەپ ئاپتوبوسى قانۇن-نىزاملىرى ئۈزلۈكسىز كۈچىيىپ بېرىۋاتىدۇ، مەكتەپ ئاپتوبوسىنىڭ قاتتىق ماتېرىيال ئۆلچىمىمۇ بارغانسىرى ئىلغارلىشىپ بېرىۋاتىدۇ.1977-يىلى، ئامېرىكا فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى مەكتەپ ئاپتوبوسلىرىنىڭ ئۆلچەم مىزانلىرىنى كۈچكە ئىگە قىلدى، مەكتەپ ئاپتوبوسىنىڭ ئورۇندۇقىنى تېخىمۇ ئېگىز قىلدى، ئاپتوبوسنىڭ ئالددى-كەينىدىكى پولات تاختىنىڭ قېلىنلىقىنى تېخىمۇ ئاشۇردى.ئەگەر ماشىنا ھادىسسى يۈز بەرگەن تەقدىردىمۇ ھېچقانداق بولمايدىكەن.يېقىنقى يىللاردا مەكتەپ ئاپتوبوسلىرى كۆزىتىش ئاپپاراتى بىلەن يەر شارى ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسى(GPS)ئورناتتى.
2002-يىلى، ئامېرىكا دۆلەت تاشيول قاتنىشى بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلىش ئورگىنى پۈتۈن دۆلەتكە مەكتەپ ئاپتوبوسى بىخەتەرلىكى توغرىسىدا دوكلات تاپشۇردى، تاشيول قاتنىشى بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلىش ئورگىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق مەكتەپ ئاپتوبوسىنىڭ بىخەتەرلىك دەرىجىسىنىڭ ئادەتتىكى ئاپتوبۇسلاردىن 8ھەسسە يۇقىرلىقىنى ئىسپاتلاندى.
11-ئاينىڭ16-كۈنى جۇڭگو گەنسۇ جېڭنىڭ يەسلى مەكتەپ ئاپتوبوسى ئۆلچەمدىن يۇقىرى ئادەم بېسىپ قارمۇ- قارشى يۆلىنىشتە مېڭىپ بىر يۈك ماشىنىسى بىلەن سوقۇشۇپ كېتىدۇ، 20دىن ئارتۇق كىچىك بالىنىڭ جېنىغا زامىن بولىدۇ، بۇنداق خەۋەرلەرنى ئاڭلىغىنىمىزدا جۇڭگونىڭ مەكتەپ ئاپتوبۇسلىرىنىڭ ھالىغا ئۆكۈنمەي تۇرالمايمىز، جۇڭگومۇ مەكتەپ ئاپتوبۇسلىرىغا كۈچ چىقارسا، بۇرۇن بولامدۇ، كەلگۈسىدە بولامدۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھاياتىمۇ بىخەتەر بولىدۇ، چۈنكى بالا دېگەن ئاتا-ئانىنىڭ يۈرەك پارىسى، ئۇلارغا خەۋپ يەتسە ئاتا-ئانىنىڭ يۈرىكى پۇچىلىنىدۇ ئەلۋەتتە.
جۇڭگونىڭ ئامېرىكىنىڭ 1939-يىلى چىقارغان بەلگىلىمىلىرىدەك بەلگىلىمىلەرنى چىقىرىشنى ئۈمىد قىلمىساقمۇ، كەلگۈسىدىكى زىياننىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يەنە كېچىكمەيدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ جەھەتتە ئامېرىكىدىن كۆپەرەك ئۆگىنىشى لازىم.
بىر كۈن ئىلگىرى، بەشىنچى قېتىملىق مەملىكەتلىك ئاياللار-بالىلار خىزمەت يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى، زۇڭلى ۋېنجىياباۋ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، مەكتەپ ئاپتوبوسلىرىنى جىددىي تەرتىپكە سېلىپ، قانۇن-مىزانلارنى كىرگۈزەپ، بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىشكە چاقىردى. جۇڭگونىڭ بىخەتەر مەكتەپ ئاپتوبوس قۇرۇلۇشى ئاخىرى باشلاندى.
ئامېرىكىنىڭ مەكتەپ ئاپتوبوسلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ئادەتتىكى ...
برازىلىيەلىك قىز 30ياشقا كىرگەن بولسىمۇ 9ئايلىق بوۋاقتەك پەق...
بىر ئائىلە كىشىلىرى داۋالىنىش ھەققي تۆلەش ئۈچۈن كوچىدا يالى...
سەيىفنىڭ سۇنۇپ كەتكەن بارمىقىنىڭ تېرىسى سېسىپ كېتەي دەپ قاپ...
كازافىينىڭ كېلىنى ئايال خىزمەتچىنىڭ يۈزىگە قايناقسۇ چېچىپ ...