سەيىفنىڭ سۇنۇپ كەتكەن بارمىقىنىڭ تېرىسى سېسىپ كېتەي دەپ قاپتۇ

0 2011-11-29 12:32:52   شىنخۇا تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
    ئەنگىلىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا،كازافىنىڭ ئىككىنچى ئوغلى سەيىف تۇتۇلغاندىن كېتىن زىنتاندا قۇراللىق قىسىم تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرۇلغان بولۇپ،ئۇكرائىنالىق دوختۇر ئاندىرى موراكېخوفۇسكى ئۇنىڭ يارىلانغان ئوڭ قولىنى تەكشۈرگەندىن  كېيىن،تاشقى جامائەتچىلىككە سەيىفنىڭ سۇنۇپ كەتكەن ئوڭ قول بارمىقىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى، يارىلانغان بارمىقىنىڭ سېسىپ كېتەيلا دەپ قالغانلىقىنى،ناۋادا تېزدىن ئوپراتسىيە قىلىنمىسا ئېغىرلاپ كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.


   ‹‹ئۇنىڭ يارا ئېغىزىنىڭ ئەھۋالى ياخشى ئەمەس،تىزدىن ئوپىراتسىيە قىلىشقا ئېھتىياجلىق،يارا ئېغىزىدىنكى بۇزۇلۇپ كەتكەن تالالاې بىلەن ئۆلگەن تالالار تېخىمۇ كۆپىيىۋېتىپتۇ››،دېدى نۆۋەتتە زىنتاندا خىزمەت قىلىۋاتقان مۇراكىخوفۇسكى سۆزلەپ.ئۇ يەنە كۆرسىتىپ،ئۇنىڭ ئوڭ قولىنىڭ چوڭ بارمىقى بىلەن كۆرسەتكۈچ بارمىقى بۇنىڭدىن بۇرۇن كېسىلىپ كەتكەن ،نۆۋەتتە يىرىڭ ئېقىۋېتىپتۇ،ئوپىراتسىيە قىلىشقا ئېھتىياجلىق بولغىنى مۇشۇ ئىككى بارماق،ئەمما بىرلا ۋاقىتتا يارىلانغان ئوتتۇرا بارماقنىڭ ئەھۋالى ياخشىراق،ئوپىراتسىيە قىلمىسىمۇ بولىدۇ دېگەن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博