ئانا-بالا دېڭىز يىلپىزىنىڭ چوڭقۇر مۇھەببىتى

0 2011-11-29 11:49:09   chinanews.com   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

    چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ 25-چىسلادىكى خەۋىرى:ھەر يىلى كۈزدە، ئەنگىلىيە لىنكولن  ۋىلايىتىدە  تەخمىنەن 1000 دېڭىز يىلپىزى تۇغۇلىدۇ، دېڭىز يىلپىزلىرى دېڭىز ساھىللىرىدە ئاپتاپقا قاقلىنىپ ياتىدۇ، فوتوگراف يېقىندا ئۇلارنىڭ ئىللىقلىققا تولغان كۆرۈنۈشىنى سۈرەتكە تارتىۋالدى.دېڭىز يىلپىزى ئانا بالىسى سۈتتىن ئايرىلغۇچە ئۇنى يېنىدىن ئايرىماي ئوبدان قارايدۇ، دېڭىز ساھىلىدا ئانا دېڭىز يىلپىزى بىردم بىردەم بالىسىنى قۇچاقلاپ قويىدۇ.
    ياۋايى ھايۋاناتلار باغچىسنىڭ خادىمى:"بۇ دېڭىز يىلپىزلىرى سىلەر تېلىۋىزوردا كۆرگەندىكىگە ئوخشاش، كىچىك دېڭىز يىلپىزلىرى تۇغۇلغاندا، ئەركەك دېڭىز يىلپىزلىرى تېخى جەڭ قىلىشىپ كېتىدۇ"دېدى.
   ئۆتكەن ھەپتىگىچە، بۇ ياۋايى ھايۋاناتلار قوغداش مەركىزى 880يېڭى دېڭىز يىلپىزى بوۋاقلىرىنى كۈتىۋالدى. خىزمەتچى خادىملار كىشلەرنى ئۇلارنىڭ يېنىغا بارماي يىراقتىن كۆزىتىشنى تاپىلىدى.

  بوۋاق دېڭىز يىلپىزى ئانىسىنىڭ باغرىدا ئەركىلەۋاتىدۇ


 

كىچىك دېڭىز يىلپىزى پەقەت 3ھەپتىلا ئانىسنىڭ سۈتىنى ئېمەلەيدۇ،ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆزىگە تايىنىپ ياشايدۇ

    ئانا بالىسىنىڭ بېشىنى سىلاۋاتىدۇ

   ياۋايى ھايۋاناتلار باغچىسى 880بوۋاقنى كۈتىۋالدى

 ھەر يىلى كۈزدە كىشلەر دېڭىز يىلپىزى بوۋاقلىرى تۇغۇلغاندا كېلىپ تاماشا قىلىدۇ                           

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر