كازافىينىڭ كېلىنى ئايال خىزمەتچىنىڭ يۈزىگە قايناقسۇ چېچىپ چىرايىنى بۇزۇۋەتكەن

0 2011-11-29 11:29:33   news.cntv.cn   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

ئايال خىزمەتكار مولا

كازافىينىڭ كېلىنى ئەيرىن
 
          كازافىينىڭ ئوغلى ھانىيبالنىڭ ئايالى دائىم ئايال خىزمەتكارىغا زوراۋانلىق ئىشلىتىدىغان بولۇپ، قايناقسۇنى بېشىدىن تۆكۈپ ئايال خىزمەتكارنىڭ چىرايىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزىۋەتكەن. 25-چىسلا، بۇ ئايال خىزمەتكار داۋالىنىش ئارقىلىق ئەسلىگە كەلدى.
    بۇ يىل 8-ئايدا لىۋىيە ئۆتكۈنچى قوراللىق ھۆكۈمىتى تىرپولغا ھۇجۇم قىلىپ ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، كازافىينىڭ داچىسىدا ئېفىئوپىيەلىك مولانى بايقايدۇ، ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭ بەدىنىدە نۇرغۇن كۆيۈك تاتۇقلىرى بولۇپ، يول مېڭىشىمۇ تەس ئىدى. ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەت ئۇنى دەرھال دوختۇرخانىغا ئېلىپ باردى، ھەمدە ئۇزاق ئۆتمەي ئۇنى مالتاغا يۆتكەپ داۋالاش ئېلىپ باردى. 
    2010-يىلى تىرپولغا كەلگەن مولا كازافىينىڭ ئوغلى ھانىيبالنىڭ ئايال خىزمەتكارى بولۇپ، ئىككى بالىسىغا قارايدىغان بولغان، يۇقىرى مۇئاش ئېلىپ ئىشلەيمەنغۇ، دەپ ئويلىغان مولانىڭ تەلىيى ئوڭدىن كەلمەي، ئېغىر كۈنگە قالغان.
   
 مولا كىشىلەرگە ھانىيبالنىڭ ئۆيىدە ئۇچرىغان كېلىشمەسلىكلەرنى سۆزلەپ بېرىپ توختىماي يىغلاپ كېتەتتى. ئۇ ئامالسىز قالغان بولۇپ ھېچنىمە قىلالماي قالغان. ھانىيبالنىڭ ئايالى ئەيرىن ئۇنى ھىچ ئىش قىلالمايدۇ، دەپ ئەدىپىنى بەرگەن.
    ھانىيبالنىڭ ئايالى ئەيرىن مولانى تازىلىق ئۆيىگە باشلاپ كىرىپ ئۇنىڭ پۇت-قوللىرىنى باغلاپ، ئېغىزىنى پىلاستىر بىلەن ئېتىپ قويىدۇ، ھەمدە قايناقسۇنى ئۇنىڭ بېشىدىن قۇيىۋىتىدۇ. مولا شۇنىڭ بىلەن ھوشىدىن كېتىدۇ. ئەيرىن مولانى دوختۇرخانىغا ئاپىرىش ئۇياقتا تۇرسۇن ئۇنىڭغا داۋاملىق زوراۋانلىق ئىشلىتىدۇ. مولانى كىشىلەر بايقىغاندا، ئۇنىڭ نۇرغۇن يەرلىرى كۆيۈك سەۋەبلىك يىرىڭداپ كەتكەنىدى.
    بىر نەچچە ئايدىن بۇيان سىستىرالار ھەر كۈنى مولانىڭ باش تەرەپ يارىسىنى ئىنچىكىلىك بىلەن تەكشۈرۈپ، يارىسىنىڭ ياللۇغلىنىپ قىلىشىدىن ئەنسىرىگەن، مولا يەنە پىسخىكىلق داۋالاشنىمۇ قوبۇل قىلغان، نۇرغۇن ئاقكۆڭۈل كىشىلەر ئۇنىڭغا خەت يېزىپ ئىلھام، مەدەت بەرگەن. دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ بىر نەچچە ھەپتە داۋالاش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن مولانىڭ يارىسى ئەسلىگە كېلىشكە باشلىغان، ھەمدە نورمال كىشىلەردەك تۇرمۇش كەچۈرۈشكە باشلىغان. ئۇ ھازىر ئەركىن كىشىلەردەك كىشىلەر بىلەن ئارىلىشىشقا باشلىغان.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博