لىۋىيە ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتى قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالدى

0 2011-11-28 12:11:51   خەلىقئارا تور لىنىيىسى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

 

   لىۋىيە ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتى 24-نويابىر پايتەخت تىرىپولىدىكى ئىسلام مەركىزىدە مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالدى.
   ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەت باش مىنىستىرى ئابدۇل رەھىم كەيبنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەتنىڭ 19 ئەزاسى مۇراسىمغا قاتناشتى. كەيىب مۇراسىم ئاياغلاشقاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەتتە پەقەت 24 مىنىستىر ئورنى بار، بۇ لىۋىيەدىكى ھەر قايسى رايوننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ، لېكىن بىز لىۋىيە خەلقىنىڭ ئوغلى، مەن بارلىق لىۋىيەلىكلەرگە ۋاكالىتەن ھۆكۈمەتتە ۋەزىپەمنى ئادا قىلىپ، ھەر قانداق بىر توپنىىڭ ئۇنتۇلۇپ قالماسلىققا كاپالەتلىك قىلىمەن.
   ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەتنىڭ يېڭى دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئاشۇرا بىن ھايلەن مۇنداق دېدى: لىۋىيە نۆۋەتتە قايتا قۇرۇلۇش باسقۇچىدا تۇرماقتا، ھەر قايسى دۆلەتلەر ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ياردەم بېرىشىنى قارشى ئالىمىز. ئۇ يەنە جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشۈشنى كۈتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博