لىۋىيەنىڭ سابىق رەھبىرى كازافىنىڭ ئوغلى سەيىف لىۋىيەدە سوراق قىلىنىدىكەن

0 2011-11-22 10:50:22   شىنخۇا ئاگېنتلىقى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

     لىۋىيە مەملىكەتلىك ئۆتكۈنچى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى گۇجا 20-نويابىر تىرىپولىدا لىۋىيە دائىرىلىرى كازافىنىڭ ئىككىنچى ئوغلى سەيىفنى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ سوتلىشىغا تاپشۇرۇپ بەرمەيدۇ، سەيفۇل لىۋىيەدە سوراق قىلىنىدۇ دەپ جاكارلىدى.
     گۇجا چەتئەللەرنىڭ مەملىكەتلىك ئۆتكۈنچى كومىتېتنىڭ سەيىفنى سوتلاش-سوتلىماسلىقى ھەققىدىكى گۇمانى توغرىسىدا مۇنداق دېدى: ئۆتكۈنچى كومىتېت نۆۋەتتە ئاكتىپ ئۆتكۈنچى باسقۇچتىكى ئالاقىدار قانۇن ۋە ئەدلىيە ئورگانلىرىنى قۇرۇشقا تۇتۇش قىلماقتا. ھازىر سەيف يەرلىك قۇراللىق كۈچلەر تەرىپىدىن زىنتان شەھىرىگە قاماپ قويۇلدى.
    خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ بىر ئايال باياناتچىسى 19-نويابىر بىز لىۋىيە ھاكىمىيەت دائىرىلىرىنىڭ سەيفۇلنى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ سوتلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز دەپ تەكىتلىگەن ئىدى.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博