[رېيتېر ئاگېنتلىقى،بېريۇسسېل، تېلېگراممىسى] لىۋىيە يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ زۇڭلىسى ئابدۇل تۈنۈگۈن كەچتە جەنۇبتىكى قۇملۇقتا قولغا چۈشكەن سەئىفنى ئادىل سوتلايدىغانلىقىغا ۋەدە بەردى.
ئۇ زىنتاندا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا:« خەلقىمىز ۋە دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ سەئىف ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ دۆلىتىمىز قانۇنى ۋە خەلقئارا قانۇنلارنىڭ كاپالىتىدە ئادىل سوتلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن»،دېدى.
ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىگە مەسئۇل ئەمەلدارى ئاشتون سەئىفنىڭ قولغا چۈشۈشىنى «زور ئىلگىرىلەش»دەپ ماختىدى ھەم لىۋىيە يېڭى ھۆكۈمرانلىرىدىن خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى بىلەن ئومۇمىيۈزلۈك ھەمكارلىشىشنى تەلەپ قىلدى.
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى كامېرون بايانات ئېلان قىلىپ، سەئىفنى ئادىل سوتلاشنى مۇراجىئەت قىلدى ھەم لىۋىيەنىڭ ئەدلىيە ئادىللىقىغا كاپالەتلىك قىلىشىغا ياردەم بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
[فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى،كانادا، خالىفاكىس،19-نويابىر تېلېگراممىسى]ش ئا ئە ت نىڭ لىۋىيەدىكى ھەربىي ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلغان گېنىرال لېيتېنانت چارلىز بۇشار بۈگۈن: كازافىنىڭ ئىزباسارى ھەم ئوغلى سەئىفنى ئادىل سوتلاش لىۋىيە يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇنلۇق ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلىشتا «ئىنتايىن مۇھىم»،دېدى.
[فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى،گائاگا،19-نويابىر تېلېگراممىسى]خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى ئابدۇللا بۈگۈن: لىۋىيە كازافىنىڭ ئوغلى سەئىفنى خەلقئارا سوت مەھكىمىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىشىش كېرەك،دېگەن بولسىمۇ، ئۇ يەنە سەئىفنىڭ تىرىپولىدا سوتلىنىش ئېھتىمالى بارلىقىنى بىلدۈردى.
ئابدۇللا: مەزكۇر سوت مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى لۇئىس مورېنو ئوكامبو كېلەر ھەپتە لىۋىيەگە بېرىپ، يېڭى ھاكىمىيەت بىلەن سۆھبەتلىشىدۇ،دېدى.
ھەمبەھىرلىنىڭ