ئاۋىستىرالىيەلىك بىر ئەر ئۆيىدىن8000كىلومېتېر يىراقلىقتا تەتىل ئۆتكۈزۋىتىپ، ئېنتېرنىت تورى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئۆيىگە ئوغرى كىرگەنلىكىنى بايقاپ، شۇ ھامان ساقچىغا مەلۇم قىلدى.
بۇ ئەر مېلبۇرن رايونى شەھەر سىرتىدا تۇرىدىغان بولۇپ، 3يىل بۇرۇن توردىن كۆزىتىش ئاپپاراتىدىن 3نى سېتىۋىلىپ ئۆيىگە ئورنىتىپ قويغان، ئۇ ھىندى ئوكيان ئارال دۆلىتى ماۋرىتىئۇسقا تەتىل ئۆتكۈزگىلى بارغان، بىر كۈنى ئۇ iPadتەكشى ئېكرانلىق كومپىيۇتېرى ئارقىلىق ئېنتېرنىتقا چىقىپ، ئۆينىڭ كۆزىتىش ئاپپاراتىدىن ئۆينىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرىدۇ، دەل شۇ چاغدا ئۆيىدە ئىككى ئوغرىنىڭ خاتىرجەم ئوغىرلىق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ.
"مەن كۆرۈپ چۆچۈپ كەتتىم، كۆرۈپ 2 مىنۇت بولغاندا ئاندىن ساقچىغا مەلۇم قىلىش ئېسىمگە كەلدى، مەن نېمىش قىلىشىمنى بىلەلمەي قالدىم"دەيدۇ.
ئۇ دوستىغا تېلفون قىلىپ ئۇنى ساقچىغا مەلۇم قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، ساقچىلار نەق مەيدانغا بېرىپ مال بىلەن ئوغرىنى بىللە قولغا چۈشۈرۈپ، ئۆيگە كىرىپ ئوغرىلىق قلىش جىنايىتى بىلەن تۇتۇپ ئەكىتىدۇ.
ئۇلار ئوغىرلىغان نەرسىلەر:بىر تەكشى ئېكرانلىق تېلىۋىزور، ھاراق، ئاياغ يەنە بىر ئىت ئۇۋىسى بولۇپ ،ھەممىسىنى قوشسا نەچچە مىڭ ئاۋىستىرالىيە دوللىرىغا بارىدىكەن.
ئەينى ۋاقىتتا 3كۆزىتىش ئاپپاراتىنى 300ئاۋىستىرالىيە دوللىرىغا يەتمىگەن باھادا سېتىۋالغان، "مەن ئۇلارنىڭ مۇھىم ۋاقتىدا بۇنچىلىك ئەسقاتىدىغانلىقىنى ئەمدى ھەقىقىي ھېس قىلدىم"دېدى ئۆينىڭ ئىگىسى.
بىر ئايال ساقچى بىرىنچى قېتىم بۇنداق ئوغرىنى ساقچىغا مەلۇم قىلىشنى كۆرۈشۈم، iPadئارقىلىق يەرشارىنىڭ ئۇ قېتىدا تۇرۇپ ئوغرىنى تۇتۇش ھەقىقەتەن بولىدىغان ئىشكەن دېدى.
ئامانلىق ساقلاش ئۈسكۈنلىرى سېتىش ئورنى خوجاينى :"ھازىر نۇرغۇن ئادەم مۇشۇنداق ئۈسكۈنلەردىن پايدىلىنىپ ئوغرى تۇتىۋاتىدۇ، سىز ئەقلىي تېلفونىڭىزنى ئاچسىڭىزلا ئۆيىڭىزنىڭ ئامان-ئامان ئەمەسلىك ئەھۋالىنى بىلەلەيسىز"دېدى.
ئاۋىستىرالىيەلىك بىر ئەر يەرشارىنىڭ يەنە بىر قېتىدا تۇرۇپ iP...
يەمەن زۇڭتۇڭى سالىخ ھوقۇقىنى تاپشۇرۇپ 33 يىللىق ھۆكۈمرانلىق...
چىلىدا بىر مىليون يىللار بۇرۇنقى كىتنىڭ تاشقا ئايلانغان جەس...
تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئابدۇللا گۈل ۋە ئايالى ئەنگلىيەدە قىزغىن كۈ...
ھايۋاناتلار تېرىسىدىن تىكىلگەن كىيىم مانا مۇنداق ئىشلەپ چى...
گىرمانىيە ھامبۇرگدا نۇرغۇن ئاققۇلارنى يېغىلىپ پاراخوتتا يۆ...
شەرقى جەنۇبى ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە دەسىسلىشى ۋەقە...