30ياشقا كىرگەن بولسىمۇ 9ئايلىق ۋاقتىدا توختاپ قالغان قىز
برازىلىيە ۋە ئامېرىكا ئاخبارات ۋاستىلىرنىڭ 28-چىسلادىكى خەۋىرى:1981-يىلى5-ئاينىڭ7-كۈنى تۇغۇلغان،برازىلىيە سەيئالا ئىشتاتىلىق قىز مارىيا ئۆتۈپ كەتكەن 30يىل ئىچىدە ياكى ئۆزگەرمىگەن ياكى قېرىمىغان، خۇددى ۋاقىت ئۇنىڭ شۇ ۋاقتىدا توختاپ قالغاندەكلا، بۇ 30ياشقا كىرگەن قىزنىڭ تاشقى قىياپىتىن قارىسا 9ئايلىق بوۋاققا ئوخشايدىكەن.برازىلىيە سەيئالا ئۇنېۋېرسىتىتى تىببىي ئىلىم مۇتەخخەسسىلىرىنىڭ دېيىشىچە، مارىيا تۇغۇلغاندىن كېيىن قالقانسىمان بەز ھورمونى كەملىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغان، ئەڭ ياخشى داۋالاش پەيتىنى ئۆتكۈزۈپ قويغانلىقتىنم ئۇنىڭ بەدىنى بىلەن ئەقلى شۇ 9ئاي ۋاقتىدىلا توختاپ قالغان، نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بالىسىنىڭ كۈندىن-كۈنگە چوڭ بولىۋاتقانلىقىنى كۆرسە خۇشال بولىدۇ، لېكىن مارىيانىڭ ئاتا-ئانىسى30يىلدىن بۇيان بۇ "قېرىمايدىغان بوۋاق"قا بوۋاق بالىغا قارىغاندەك قاراۋىتىپتۇ.
30ياشلىق مارىيا برازىلىيە سەيئالا ئىشتاتى كوكايا رايونىدا بولۇپ، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى شۇ يەردىكى ئىنتايىن ئاددىي كەپىدە تۇرىدىكەن، مارىيا 1981-يىلى5-ئاينىڭ7-كۈنى تۇغۇلغان بولۇپ، ئويلىمىغان يەردىن 9ئايلىق بولغاندىن كېيىن پەقەتلا چوڭ بولماپتۇ، شۇنىڭدىن تارتىپ ئەقلى، بەدىنى شۇ 9ئاي ۋاقتىدىلا توختاپ قاپتۇ.
مارىيا بوۋاقلارغا ئوخشاش ئاتا-ئانىسىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىگە موھتاج بولۇپ، ئۆزىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالمايدىكەن، يا مېڭىشنى يا گەپ قىلىشنى بىلمەيدىكەن، چىراي تۇرقى بولامدۇ، ئەقلى بولامدۇ ھەممىسى 9 ئايلىق بوۋاقنىڭكىدەككەن.
مارىيانىڭ ئۆز ئانىسى13يىل بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەن بولۇپ، دادىسى يەنە ئۆيلەنگەن، ئۆتۈپ كەتكەن نەچچە يىلدا بۇ ئۆگەي ئانا ئۇنىڭغا قارىغان، ئايال مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، توي قىلغان كۈندىن تارتىپ بۇ بوۋاققا قاراۋاتقانلىقى، خۇددى كىچىك بوۋاققا قارىغانغا ئوخشاش 13يىل قارىغانلىقى ئېيىتتى، ئۇ تەڭرى ماڭا بەرگەن سوۋغا دېدى.
ئەر-ئايال ئىككىيلەندىن مۇخبىر بالىنى دوختۇرخانىغا كۆرسەتسەڭلار بولمامدۇ دېگەندە، بىرنىڭ ئائىلە شارائىتىمىزنى كۆرۈپ تۇرۇپسىلەر، بىزنىڭ بالىنى دوختۇرخانىغا ئاپارغىدەك پۇلىمىز يوق دېگەن.
برازىلىيە سەيئالا ئۇنېۋېرسىتىتى تىببىي ئىلىم مۇتەخخەسسىلىرىنىڭ دېيىشىچە، مارىيا تۇغۇلغاندىن كېيىن قالقانسىمان بەز ھورمونى كەملىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغان، ئەڭ ياخشى داۋالاش پەيتىنى ئۆتكۈزۈپ قويغانلىقتىن ئۇنىڭ بەدىنى بىلەن ئەقلى شۇ 9ئاي ۋاقتىدىلا توختاپ قالغان،ئەگەر كىچىك ۋاقتىدا داۋالانغان بولسا باشقا بالىلارغا ئوخشاش نورمال يېتىلەتتى دېدى. سەيئالا ئۇنېۋېرسىتىتى مارىياغا ھەقسىز داۋالاش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى، گەرچە ئەقلىي جەھەتتىن ئامال قىلالمىسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ مېڭىش، تاماق يېيىش، ئاددىي بىر نەچچە ئېغىز گەپ قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىن داۋالاپ تىرىشىپ ئۇنىڭ تەن جەھەتتىن بولسىمۇ داۋالايدىغان بولدى.