ئۇرۇش ئوتى سۈرىيەگە يېقىنلاپ كەلدى،ئەتراپتىكى ئۈچ دۆلەت ئۇرۇش تەييارلىق ھالىتىگە ئۆتتى

0 2011-11-30 11:01:57   شىنخۇا تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
     دۆلەت ئىچى سىياسىتىگە قارشى تۇرۇش بىلەن ئىچكى ئۇرۇش بۆلگۈنچىلىكى دەردىنى تارتىۋاتقان سۈرىيە زوڭتۇڭى باشار ئەسەد ھازىر سىرىتنىڭ ئۇرۇش خەتەر بېسىمىغا يۈزلەنمەي ئامالى يوق.
   يېقىندىلا سۈرىيەدە جەڭ قىلىش ۋەزىپىسىنى ئاخىرلاشتۇرغان ئامېرىكىنىڭ جورجى بوش ناملىق ئاۋىئاماتكىسى ھازىر سۈرىيەگە يېقىن دېڭىز ساھىلىغا كىردى.روسىيەنىڭ  ئاۋىئاماتكىسىمۇ سۈرىيەگە كېتىپ بارىدۇ.ئەتراپتىكى ئىسىرائىلىيە،ئىئوردانىيە ۋە تۈركىيە قاتارلىق ئۈچ دۆلەت ئارمىيىسىنىڭ ھەممىسى ئۇرۇش ھالىتىگە كىرگەنلىكىنى جاكارلىدى.
    يېرىم يىلدىن ئارتۇق داۋاملاشقان سۈرىيە ئىچكى ۋەزىيىتىنىڭ قالايمىقانلىشىشى تىنچ قارشلىق كۆرسىتىش ھەركىتىدىن ناھايتى تېزلا <<قوراللىق قوزغىلاڭ>>خارەكتىرلىك ھەربىي ئىشلار توقۇنۇشىغا ئۆزگەردى.ھۆكۈمەت ئارمىيىسى تەشكىللىگەن <<سۈرىيە ئەركىن ئارمىيىسى>>نۆۋەتتە مۇنۇلارنى جاكارلىدى:نۇرغۇن ئەسكەرلەر ھۆكۈمەت ئارمىيىسىدىن ئايرىلىپ،<<ئەركىن ئارمىيىسى>>غا قوشۇلىۋاتىدۇ. چۈنكى ئۇلار ھاكىمىيەت دائىرىلىرى چۈشۈرگەن نامايىشچى پۇقرارلارغا ئوق چىقىرىشنى خالىمايدۇ. تۈركىيە-سۈرىيە چىگرا رايونىدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىقلار بۇ ئاي كىرگەندىن بۇيان كۆپ قېتىم راكىتا قاتارلىق ئېغىر قوراللار ئارقىلىق سۈرىيە ھۆكۈمىتىگە نىشانلىق ھوجۇم قىلدى.
   سۈرىيە ئەركىن ئارمىيىسىنىڭ رەھبىرى لىياد 24-نويابىر ھەتتا چەتئەل ئارمىيىسىنى سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ <<ئىستىراتىگىيەلىك نىشان>>غا ھاۋادىن زەربە بېرىشنى دەۋەت قىلىپ،سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تەخىتتىن چۈشۈشىنى تېزلەتمەكچى بولدى.
لىياد مۇنداق دېدى:بىز خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قوغداش بىلەن تەمىنلىشىنى ،سۈرىيەدە ئۇچۇشنى چەكلەش رايونى ۋە توقۇنۇشنى پەسەيتىش رايونى قۇرۇپ،سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ موھىم ئەسلىھەلىرىدىكى بەزى ئىستىراتىگىيەلىك نىشانلارغا ھاۋادىن زەربە بېرىشنى ئۈمىد قىلىمىز.
   سۈرىيە ئەمەلدارنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا،11-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن 11-ئاينىڭ 27-كۈنىگە قەدەر،ئاز دېگەندە 54 نەپەر سۈرىيە ئەمەلدارى،ئەسكىرى ۋە بىخەتەرلىك خادىمى شۇنداقلا قوراللىق ساقچى ھۇجۇمغا ئۈچراپ قازا قىلغان،بۇنىڭ ئىچىدە ئىككى نەپەر پولكوۋنىك،ئىككى نەپەر پود پولكوۋنىك ۋە بىر نەپەر مايور دەرىجىلىك ئالىي ھەربىي ئەمەلدارلار بار ئىكەن.ئۇندىن باشقا يارلانغانلارنىڭ سانىمۇ كۆپ بولۇپ،بۇ ئەمەلدارلار ئەسكەرلەر سۈرىيەدىكى ھەر قايسى جايلاردا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقاندا قوراللىق تېررورچى ئۇنسۇرلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ قۇربان بولغان،يەنە كېلىپ ھۇجۇمغا ئۇچرىغان جاينىڭ ھەممىسىلا سۈرىيە چىگىرىسى ئىچىدە بولغان.
   يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشكە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن،سۈرىيە روسىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىتتىپاقدىشى بولسىمۇ لېكىن يەنە باشقىچە تەييارلىق كۆرۈشكە مەجبۇر بولدى.روسىيە دۇنيا ئىقتىسادى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت تەتقىقات ئورنى خەلقئارا خەۋىپسىزلىك مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئالباتوۋ،سۈرىيەىكى بەشىر ھاكىمىيىتىنى داۋاملىق قوغداشتىن يالتىيىپ،ئۆكتىچلەر بىلەن مۇناسىۋەت ئورۇنتۇشى ئېھتىماللىققا ناھايتى يېقىن .

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博