
مىسىر خەلق پارلامېنتى (پارلامېنت ئاۋام پالاتاسى) سايلىمىنىڭ 1-باسقۇچلۇق بېلەت تاشلاش خىزمىتى 28-نويابىر باشلاندى . بۇ زۇڭتۇڭ مۇبارەك بۇ يىل 2-ئايدا تەختتىن چۈشكەندىن كېيىن مىسىردا ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى پارلامېنت سايلىمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
1-باسقۇچلۇق بېلەت تاشلاش ئۇدا ئىككى كۈن ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ ، ھەر كۈنى شۇ جاي ۋاقتى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 8:00 دە باشلىنىپ ، چۈشتىن كېيىن سائەت 7:00 دە ئاخىرلىشىدىكەن . بۇ باسقۇچلۇق بېلەت تاشلاشتا جەمئىي 3800 دىن كۆپرەك بېلەت تاشلاش نۇقتىسى تەسىس قىلىنغان بولۇپ ، لاياقەتلىك سايلىغۇچىلار تەخمىنەن 17 مىليون ئادەمگە يېتىدىكەن . 28-نويابىر بېلەت تاشلاش باشلىنىشتىن ئىلگىرى ، قاھىرەدىكى نۇرغۇنلىغان بېلەت تاشلاش نۇقتىلىرى ئادەم بىلەن لىق تولغان .بېلەت تاشلاش باشلانغاندىن كېيىن ، بىر نەچچە ھەربىي تىكئۇچار ھاۋا بوشلۇقىدا بېلەت تاشلاش خىزمىتىنى يىراقتىن نازارەت قىلغان . يەرلىك ئەسكەرلەر ۋە ساقچىلار بېلەت تاشلاش نۇقتىسىدا ئىجتىمائىي تەرتىپنى قوغداپ ، بېلەت تاشلاش خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلغان .
بېلەت تاشلاشنى كۈتۈپ تۇرغان مىسىر پۇقراسى سەينا مۇخبىرغا:‹‹ مەن بۇ قېتىمقى بېلەت تاشلاشنىڭ بىر قېتىملىق ئادىل ۋە ئاشكارە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن ››، دېگەن .
ئىگىلىنىشىچە ، بۇ قېتىمقى خەلق پارلامېنت سايلىمى ئۈچ باسقۇچ بويىچە ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ ، ھەر بىر باسقۇچ توققۇز ئۆلكىدەئېلىپ بېرىلىدىكەن .2-ۋە 3-باسقۇچلۇق بېلەت تاشلاش ئايرىم-ئايرىم ھالدا 14-دېكابىر ۋە كېلەر يىلى 3-يانۋار باشلىنىدىغان بولۇپ ، ھەر بىر باسقۇچلۇق بېلەت تاشلاش ئىككى كۈن ئۆتكۈزۈلىدىكەن . شەرتكە ئۇيغۇن بولغان 18 ياشتىن يۇقىرى كىشلەر سايلامغا قاتناشسا بولىدىكەن .
مىسىر قوراللىق قىسىم ئەڭ ئالىي كومىتېتى 9-ئايدا تەستىقلىغان يېڭى سايلام قانۇنىغائاساسەن ، خەلق پارلامېنتىنىڭ مانداتى ئەسلىدىكى 518 دىن 508 گە قىسقارتىلغان بولۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 498 ماندات سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىدىكەن ، 10 مانداتنى زۇڭتۇڭ تەيىنلەيدىكەن .مىسىردىكى تەخمىنەن 50 سىياسىي پارتىيە بۇ قېتىمقى پارلامېنت سايلىمىغا قاتنىشىدىكەن . سايلامنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نەتىجىسى كېلەر يىلى 13-يانۋار دىن بۇرۇن ئېلان قىلىنىدىكەن .
بۇ يىل 2-ئاينىڭ 11-كۈنى زۇڭتۇڭ مۇبارەك تەختتىن چۈشكەن ، شۇنىڭدىن كېيىن، قوراللىق قىسىم ئەڭ ئالىي كومىتېتى دۆلەت ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈۋېلىپ ، پارلامېنتنى تارقىتىۋېتىپ ، ئاساسىي قانۇننى ئىجرا قىلىشنى توختاتقان .
ھەمبەھىرلىنىڭ