مىسىر ئارمىيە دائىرىلىرى پارلامېنت سايلىمىنىڭ ئۆز قەرەلىدە ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى

0 2011-11-28 11:39:47   جۇڭگو رادىئو تورى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
مىسىر ئارمىيەسى 24-نويابىر مىسىر پارلامېنت سايلىمىنىڭ 28-نويابىر ئۆز قەرەلىدە ئۆتكۈزىلىدىغانلىقى ھەمدە ھەر خىل تەدبىرلەرنى قوللىنىپ سايلامنىڭ بىخەتەر ئۆتكۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى.
مىسىر قوراللىق قىسىمى ئەڭ ئالىي كوممېتىتىنىڭ ئەزاسى مۇختار موللا قوراللىق قىسىم بىلەن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىرلىكتە سايلىغۇچىلار ۋە نامزاتلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى تىرىشىپ قوغدايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ مىسىر خەلقىنىڭ سايلامغا تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلۈشىنى مۇراجەت قىلدى.
مۇختار موللا پارلامېنت سايلىمىدىن بۇرۇن يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ قۇرۇلۇپ، ئىستىپا بەرگەن شىېرىف كابىنتىنىڭ ئورنىنى ئىگىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博