ھىندىستاندىكى غەلىتە ئەر مېتال يېيىشكە خۇمار بولۇپ قالغان

0 2011-12-01 11:44:56   خەلىقئارا تور لىنىيىسى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

    ئەنگىلىيە "كۈندىلىك پوچتا گېزىتى"خەۋىرىدە دېيىشىچە، ھىندىستاندا بىر ئەر مېتال يېيىشكە خۇمار بولۇپ قالغان بولۇپ، دوختۇر ئۇنىڭ ئاشقازىنىدىن تەڭگە پۇلنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 6كىلو مېتالنى ئوپراتسىيە قىلىپ ئالغان، بەخىتكە قارشى ئەر ئۆلۈپ كەتكەن.
   ئەرنىڭ ئسىمى كاملېشۋار.سىنگ بولۇپ، نەچچە كۈن ئىلگىرى قورساق قىسمىنىڭ قاتتىق ئاغرىپ كەتكەنلىكىدىن دوختۇردىن ياردەم تەلەپ قىلىپ كەلگەن، دوختۇر ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى ۋە X (ئېكس) نۇردا تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئۇنىڭ ئاشقازىنىدا نۇرغۇن مېتاللارنى بايقىغان.
   دوختۇر ئوپراتسىيە قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ قورسىقىدىن تەڭگە پۇلدىن 431تال، 196تال تۆمۈر توپ،  17تال بولتا بىلەن 3تال ئاچقۇچنى ئالغان، لېكىن ئەرنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالالمىغان.
   بۇ ئەرنىڭ مېتال يېيىشكە خۇمار بولۇپ قالغىنىغا 9ئاي بولغان بولۇپ، قورسىقى ئاغرىپ چىدىمىغانلىقتىن دوختۇرخانىغا كەلگەن، دوختۇر ئۇنىڭ قورسىقىدىن چىققان بۇنچىلىك نۇرغۇن مېتاللارنى كۆرۈپ ھاڭ-تاڭ قالغان.
دوختۇر:"بىز ئوپراتسىيە قىلغاندا بىر نەچچە مېتال چىقىدۇ دەپ ئويلىغان، كىم بىلسۇن ئۇنىڭ قورسىقىدىن ھەر-خىل ھەرياڭزا ھەم نۇرغۇن مېتال چىقىدىغىننى ئويلاپ باقماپتىمىز، تەڭگە پۇل، تۆمۈر توپلارنى كۆرۈپ بەك ھەيران قالدۇق، مېتاللار ھەتتا ئۇنىڭ ئۈچەيلىرىگە كىرىپ كېتىپتۇ"دېدى.
   ئەرنىڭ تۇققانلىرى، دوستلىرى ئۇنىڭ مېتال يېيىشكە خۇمارلىقىنى بىلمەيدىكەن، ئايالى:"ئۆتكەن بىر ھەپتە ئۇ داۋاملىق قورسىقىم ئاغرىيدۇ دەپ كېچىلىرى تۈزۈك ئۇخلاپمۇ باقمىدى، لېكىن  بىز ئۇنىڭ مېتال يەيدىغانلىقىنى راستىنلا بىلمەيمىز"دېدى،دوختۇر بۇنى بىر خىل روھىي جەھەتتىكى كېسەلمىكى دەپ پەرەز قىلدى.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博