«بۈگۈنكى ياپونىيە» نىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ئالدىنقى كۈنلەردە مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:«ھۆكۈمىتىمىز ئىشەنچلىك پاكىتلارغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ ھەربىي قىسىمنى 2010-يىلىدىكى ‹قىزىل كۆڭلەكلىكلەر ئارمىيىسى› نىڭ قارشىلىقنى باستۇرۇش مەزگىلىدە ئۆلۈپ كەتكەن ياپونىيەلىك فوتوگراف خىرويۇكى مۇراموتو (Hiroyuki Muramoto) نىڭ ئۆلۈمىگە مەسئۇل بولۇشى كېرەك، دەپ قارايدۇ».
ئالدىنقى كۈنلەردە، تايلاند ساقچى دائىرىلىرى ئالدىنقى نۆۋەتلىك مۇئاۋىن مىنىستىرى (Abhisit Vejjajiva) ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىسى Suthep Thaugsuban نى چاقىرتقانلىقىنى ئېلان قىلغان. تايلاندنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى Chalerm Yubamrung ياپونىيىنىڭ ئەلچىخانىسىغا مۇنداق دېگەن:«بىر قاتار تەكشۈرۈشلەر ئارقىلىق، ئۇنىڭ ئۆلۈمىنى ھۆكۈمىتىمىز بىخەتەرلىك قىسمىنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئېنىقلىدۇق. بىزدە بۇ ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن كىشىلەر ۋە قانۇن دوختۇرىنىڭ ئىسپاتى بار. ئەدلىيە مىنىستىرى ئاللىبۇرۇن بۇ ۋەقەنى داۋاملىق تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلىپ بولدى».
جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش مەركىزىنى تايلاندنىڭ ئالدىنقى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتى قۇرغان بولۇپ، مەزكۇر مەركەز قالايمىقانچىلىق يۈز بەرگەن جىددىي ۋاقىتتا ۋەزىپە ئىجرا قىلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا Abhisit Vejjajiva تۇنجى قېتىم قارشى تۇرۇش ۋەقەسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن، ساقچى دائىرىلىرىنىڭ چاقىرتىشىغا ئۇچرىغانىدى. 2010-يىلى ھەربىي قىسىم «قىزىل كۆڭلەكلىكلەر قوشۇنى» قارشىلىق كۆرسەتكەن مەيداننى ئوققا تۇتقان. مەزكۇر قارشىلىقنى باستۇرۇش مەزگىلىدە، Suthep Thaugsuban دۆلەر بىخەتەرلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل بولۇپ، «قىزىل كۆڭلەكلىكلەر قوشۇنى» نىڭ كۆزىگە قادالغان مىخ بولغان.
خىرويۇكى مۇراموتو (Hiroyuki Muramoto) بولسا، رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ فوتوگرافى بولۇپ، تايلاند قارشىلىق كۆرسەتكۈچى كۈچلىرى بىلەن ھەربىي قىسىم ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەندە ئېتىپ ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن. تايلاند ساقچى دائىرىلىرى دەسلىپىدە «ھەربىي قىسىم مەزكۇر فوتوگرافنىڭ قاتىلى ئەمەس» دەپ چىڭ تۇرۇۋالغانىدى. Chalerm Yubamrung مۇنداق دېدى:« تايلاندنىڭ قانۇن-نىزاملىرىغا ئاساسلانغاندا، ئەگەر خەۋپسىزلىك خادىملىرى يۇقىرىنىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىۋاتقان ۋاقىتتا جىنايەت ئۆتكۈزۈپ قالسا كەچۈرۈشكە بولىدۇ، ئەمما جىنايەت ئۆتكۈزگۈچى جەزمەن جىنايى قىلمىشىغا مەسئۇل بولۇشى كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن».
ھىندىستانلىق نامراتلا «خوتۇنىنى ئىجارىگە بېرىپ» كۈن ئۆتكۈز...
جۇڭگو شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ پاكىستاننى بومب...
مۇبارەك تەختتىن چۈشكەندىن كېيىن، خەلق تۇنجى قېتىم دېموكرات...
سۈرىيە ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ جازالاش قارارىنى ئەيىپلە...
تۈركىيە ئاياللىرى كوچىغا چىقىپ ئائىلە زوراۋانلىقىغا قارشىل...