«ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى» نىڭ 26-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگىلىيە ياۋروپا ئىشلىرى باش ۋەزىرى داۋىد لىدىڭتون يېقىندا ئېلان قىلغان يازما باياناتتا ، رۇسىيە «ياۋروپا ئادەتتىكى قوراللىق كۈچلەر شەرتنامىسى» دىكى مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىشنى توختاتقانلىقى ئۈچۈن ، ئەنگىلىيە رۇسىيە بىلەن ھەربىي ئىشلار ئۇچۇردىن ئورتاق بەھىرلىنىشنى توختىتىغانلىقى جاكارلىغان .
لىدىڭتون پارلامېنتقا تاپشۇرغان باياناتتا ، رۇسىيە «ياۋروپا ئادەتتىكى قوراللىق كۈچلەر شەرتنامىسى»بويىچە ئەنگىلىيەگە بولغان مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلالمىدى ، بىز رۇسىيە بىلەن بولغان ھالقىلىق مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىشنى توختىتىمىز، دېيىلگەن.
«ياۋروپا ئادەتتىكى قوراللىق كۈچلەر شەرتنامىسى » 1990-يىلى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن ۋارشاۋا تەشكىلاتى ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن ، 1992-يىلى كۈچكە ئىگە بولغان ، بۇنىڭدا ئىككى چوڭ ھەربىي گۇرۇھنىڭ ئادەتتىكى قوراللىق قىسىمى بىلەن ئادەتتىكى قورالىنىڭ سانى ، رايون چەكلىمىسى ، دۆلەت چەكلىمىسى، تەكشۈرۈش ئۇسۇللىرى بېكىتىلگەن .
ۋارشاۋا تەشكىلاتى 1991-يىلى ئىيۇلدا پارچىلانغان . بۇ شەرتنامە 1999-يىلى تۈزىتىلىپ ، قوراللىق كۈچلەرنى گۇرۇھنى ئەمەس دۆلەتنى بىرلىك قىلغان ئاساستا چەكلىگەن ، لېكىن ش ئا ئە ت نىڭ ئەزا دۆلەتلىرى تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن نۇسخىنى تەستىقلىماي رۇسىيەنىڭ گرۇزىيە ۋە مولدوۋادىن ئەسكەر چىكىندۈرۇشىنى تەلەپ قىلغان . رۇسىيە 2004-يىلى تۈزىتىلگەن نۇسخىنى تەستىقلىغان ، 2007-يىلى بۇ شەرتنامىنى يۈرگۈزۈشنى توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان . رۇسىيە ئەگەر ش ئائە ت بۇ تۈزىتىلگەن نۇسخىنى تەستىقلىسا مەجبۇرىيەتنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغانلىقىنى بىر قانچە قېتىم بىلدۈرگەن .
ھەمبەھىرلىنىڭ