مەركىزى تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى‹‹بىۋاستە تارقىتىلىدىغان خەۋەرلەر››پىروگراممىسى‹‹ئامېرىكا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ‹‹بۇش›› ناملىق ئاۋمىئاتكىسىنىڭ سۈرىيىنىڭ دېڭىز قىرغىقىغا يېقىنلاشقانلىقىغا دائىر خەۋەر››ىنى قويدى،تۆۋەندىكىسى خەۋەرنىڭ ئەسلى تېكىستى:
رىياسەتچى:ئامېرىكا كولومبىيە رادىئو شىركىتى فوكۇس تورى،24-چىسلا ئاخبارات ئانالىز قىلىش ئورنىدىن كەلگەن خەۋەرنى نەقىل كەلتۈرۈپ،ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ئاۋمىئاتكىسى‹‹بۇش››ئاللىقاچان ھورمۇز قولتۇقىغا يېقىن جايدىن سۈرىيىنىڭ دېڭىز قىرغىقىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى.
ئامېرىكا ئاخبارات ۋاستىلىرى:‹بۇش›ناملىق ئاۋمىئاتكا سۈرىيىنىڭ دېڭىز قىرغىقىغا يېقىنلاشتى
ئانالىزچىلار:خەۋەرلەردە ئېيتىلغان ‹‹بۇش››ناملىق ئاۋمىئاتكىنىڭ بۇ ھەركىتى ئېھتىمال ئەرەپ ئەللىرى ئىتتىپاقى نۆۋەتتە ئامېرىكىنىڭ قوللىشىنى تەلەپ قىلىش پىكرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن،بۇ تۈرلۈك تەكلىپنىڭ مەزلۇنى سۈرىيىدە ئۇچۇش چەكلەنگەن رايون تەسسىس قىلىشقا چېتىلىدۇ،بۇ ئاۋمىئاتكا ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ئەڭ يېڭى ئاۋمىئاتكىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ يىل 5-ئايدا ئاندىن ۋەزىپە ئورۇنلاشقا باشلىغان ۋە ئىرانغا بېسىم سېلىش ئۈچۈن مۇشۇ ئاينىڭ ئوتتۇرىدا‹‹سىتانىس››ناملىق ئاۋمىئاتكا بىلەن بىللە ھورمۇز قولتۇقىغا كىرگەن.
شۇنىڭ بىلەن بىرلا ۋاقىتتا ئامېرىكا سۈرىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ تور بېكىتىدە جىددى ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ، سۈرىيىدە ئولتۇراقلىشىۋاتقان ۋە ساياھەت قىلىۋاتقان ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ،سۈرىيىدىن چەتئەلگە قاتنايدىغان سودا خاراكتىرلىك ئاۋىتئاسىيە لىنيىسى كۈنسىرى ئازىيىۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا بۇرۇنراق سۈرىيىدىن ئايرىلىشنى تەلەپ قىلغان بولۇپ ئامېرىكىنىڭ سۈرىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى روبىرت فۇت ئاللىقاچان ئالدىنقى ئايدا سۈرىيىدىن ئايرىلغان.
سۈرىيە كىرزىسى
غەرپ پۈتۈن كۈچى بىلەن سۈرىيىگە قورال ئىشلىتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ
روسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروف ،غەربنىڭ سۈرىيە ئۆكتىچىلىرىنىڭ بەسىر بىلەن سۆھبەتلىشىشىنى رەت قىلىشقا كۈشكۈرتكەنلىكىنى قاتتىق ئەيىپلىدى.ئۇ كۆرسىتىپ،سۈرىيە دائىرلىرىدىن زوراۋانلىقنى توختىتىشلا كۇپايە قىلمايدۇ،يەنە مەزكۇر دۆلەتتىكى قوراللىق قىسىملارمۇ زوراۋانلىقنى توختىتىشى كېرەك دېدى.
غەرب سۈرىيىگە قورال ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى سۈرىيە ھەربىي ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيمەكتە
فىرانسىيە دىپلو،اتىيە مىنىستىرى 24-چىسلا سۆزلەپ،سۈرىيە ھۆكۈمىتى مەزكۇر دۆلەتتە ‹‹ئىنسانپەرۋەرلىك كارىدورى››بەرپا قىلىپ زۆرۈر بولغان بۇيۇملار بىلەن تەمىنلەشنى رەت قىلسا فىرانسىيە خەلقئارا ھۆكۈمەتنىڭ ھوقۇق بېرىشى بىلەن سۈرىيەگە ھەربىي ۋاستە قوللىنىش ئېھتىماللىقىنى چەتكە قاقمايدۇ دېدى.
روسىيە سۈرىيىگە پاراخوت ئەۋەتىپ بەسىرنى قوغدايدۇ
سۈرىيە كىرزىسى جىددىيلىشىۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا،دۇنيا ئاخبارات ۋاستىلىرى خەلقئارا جەمىيەتنىڭ ئارلىشىش ئېھتىماللىقىنى خەۋەر قىلدى.روسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى غەربنىڭ بەسىرنى ئاغدۇرۋېتىشىنى تەنقىدلەپ،بۇ ئىغۋاگەرچىلىك دېدى،بۇنى ئاخبارات ۋاستىلىرى ئانالىز قىلىپ،روسىيە دەمەشىقنى قوغدايدىكەن دېيىشتى.
جۇڭگو ئەرەپ ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ سۈرىيىنى جازالىشىنى قوللىدى روسىيە قارشى تۇردى
جۇڭگو بىلەن روسىيىنىڭ ئىنكاسى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى ليۇ ۋېيمىن تۈنۈگۈن ئىپادە بىلدۈرۈپ،جۇڭگو تەرەپنىڭ ئەرەپ ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ سۈرىيە كىرزىسىنى ئاخىرلاشتۇرۇش تىرىشچانلىقىنى قوللايدىغانلىقىنى ،ھازىر ئەرەپ دۆلەتلىرىنىڭ بۇرۇنراق ماسلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىپ،ئورتاق كۈچ چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ھەمبەھىرلىنىڭ