بېلىقچى 4سائەت تىركىشىپ يۈرۈپ 127كىلو كېلىدىغان غايەت زور بېلىقنى تۇتتى

0 2011-12-02 12:03:31   جۇڭگو ئاخبارات تورى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

          چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ 11-ئاينىڭ30-كۈندىكى خەۋىرى:ئەنگىلىيە بېلىقچىسى جېرۈيمى.ۋېيد ئويلاپ باقمىغان يەردىن، 4سائەت ئېلىشىپ يۈرۈپ، ئارگىنتىنانىڭ پارانا دەرياسىدىن دۇنيادىكى ئەڭ ئېغىر تاتلىق سۇ بېلىقىدىن بىرنى تۇتتى.
     بۇ سېرىق بۇلغۇن بېلىقى 20ستون(127كىلو)،ۋېيد بۇ ئۇنىڭ تۇتقان بېلىقلىرى ئىچىدىكى ئەڭ ئېغىر بېلىق دېدى."سېرىق بۇلغۇن بېلىقى تاتلىق سۇ بېلىقى، مېنىڭ تۇتىۋالغىنىممۇ ئەڭ چوڭى ھېسابلىنىدۇ،مەن ئۇنى تۇتىۋىلىشتىن بۇرۇن ئۇ لاي-قۇملار ئاستىدا كۆمۈكلۈككەن، مەن ئۇنى قىرغاققا سۆرەپ ئېلىپ چىقىپ بولغىچە قولۇم ئۈزۈلۈپ قالايلا دېدى "ۋېيد.
          ۋېيد يەنە، بۇ خىل بېلىقنىڭ قۇيرۇقىدا زەھەرلىك ماددا بولغانلىقى ئۈچۈن، تۇتقاندا بەك دىققەت قىلمىسا بولمايدىغانلىقىنى، ئەگەر قۇيرۇقىدىكى تىككەنگە تېگىپلا كەتسە ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىنى، بۇ خىل بېلىق ئادەتتە ئادەمنىڭ تاپىنىغا ياكى تىزىغا ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.


 

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر