سىتالىننىڭ قىزى ئالەمدىن ئۆتتى

0 2011-12-01 12:10:52    جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

   

   ئامېرىكا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ 28-نويابىردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا،سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى رەھبىرى سىتالىننىڭ بىردىنبىر قىزى بولغان لانا پېدىس ئامېرىكا ۋېسكونسىن شىتاتىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.
    ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى:ئۇنىڭ تولۇق ئىسمى سېۋىتلانا ئالىلونوۋا بولۇپ،مۇشۇ ئاينىڭ 22-كۈنى چوڭ ئۈچەي راكى كېسەللىكى بىلەن ۋېسكونسىن شىتاتىدا 85 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.
    ۋېسكونسىن شىتاتى لىچىلەن ناھىيىسىدىكى جەسەت تەكشۈرۈش ئەمەلدارى مارى تىنا بۇ خەۋەرنى دەلىللىدى.
    ئامېرىكا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى:لانا پېدىس 1967-يىلى ئامېرىكىغا قېچىپ بېرىۋالغان،لېكىن 1984-يىلى موسكىۋاغا قايتىپ كەتكەن ۋە غەربنى ئاشكارا ئەيىپلەپ ئۆزىنىڭ ئەزەلدىن ھەقىقى ئەركىنلىككە ئېرىشىپ باقمىغانلىقىنى ئېيتقان،بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن كېيىن ئامېرىكىغا قايتىپ كەلگەن.
    لانا پېدىس سوۋىت ئىتتپاقىدا ئىككى قېتىم توي قىلىپ ئىككى بالىلىق بولغان،1967-يىلى ھېندىستاندىكى مەزگىلىدە ئەتراپدىكىلەردىن ئوڭۇشلۇق قۇتۇلۇپ يېڭى دېھلىدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ ھامىيلىقىغا ئېرىشىپ،كېيىن ئامېرىكىغا ئېلىپ كېتىلگەن.
    لانا پېدىس ئامېرىكىغا بارغاندىن كېيىن ئاتىسىنى ئاشكارا ئەيىپلىگەن.لانا پېدىس ئىككى تەرجىمىھال يازغان بولۇپ،ئاتىسىنى مۇز چىراي،جاھىل دەپ يازغان.ئەمما كېيىن ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ زىيارىتى قوبۇل قىلغاندا ئۇ بۇرۇنقى قىلغان گەپ-سۆزلىرىدىن پۇشايمان قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.1983-يىلى ئەينى چاغدىكى ئاتىسىنى ئەيىپلىشىنى قايتۇرۋالىدىغانلىقىنى جاكارلىغان،ئۇ<<ئەگەر ئاتام مېنىڭ قىلغانلىرىمنى بىلسە چوقۇم مىنى ئىتىۋەتكەن بولاتتى>>دېگەن.
    لانا پېدىس 1970-يىلى قۇرۇلۇش ئىنژىنىرى بىلەن توي قىلدى،توي قىلىپ بىر يىلدىن كېيىن ۋېسكونسىن شىتاتىدا ئولتۇراقلاشتى،ئۇلارنىڭ بىر قىزى بار ئىدى،كېيىن ئىككىسى ئاجرىشىپ كەتتى،بۇ ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى بىر قېتىملىق توي قىلىشى بولۇپ قالدى.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博