چەتئەل تاراتقۇسىنىڭ 18- دېكابىردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كىشىنى ئازابلاندۇرىدىغان پۇل قىسىش سىياسىتى ۋە قارىماققا مەڭگۈ تۈگىمەيدىغان ئىقتىسادىي كىرىزىس تۈپەيلىدىن، گرېتسىيەدىكى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالىدىغانلار كۆپىيىپ كەتكەن. گرېتسىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشچە، بۇ يىل 1- ئايدىن 5- ئايغىچە، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلارنىڭ سانى 2010- يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %40 كۆپىيىپ، گرېتسىيە ياۋروپادىكى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى دۆلەتكە ئايلانغان.
خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: ئۈچ يىل بۇرۇن ئىقتىسادىي كرىزىس يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى، گرېتسىيە ياۋروپادىكى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش نىسبىتى ئەڭ تۆۋەن دۆلەت بولۇپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر 100 مىڭ كىشى ئىچىدىكى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش نىسبىتى 2.8 ئادەم قېتىم ئىدى. ھازىر گرېتسىيەدىكى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش نىسبىتى ھەسسىلىنىپ، ياۋروپادىكى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى دۆلەتكە ئايلاندى.
گرېتسىيەدىكى ھۆكۈمەت تەشكىلاتىدا بولمىغان روھىي كېسەل مۇتەخەسسىسى بېيكارى مۇنداق دېدى: گرېتسىيەدىكى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش نىسبىتىنىڭ يۇقىرىلىشىغا ئاساسلىق سەۋەب بولغىنى قەرز، ئىشسىزلىق، ئىشتىن بوشىتىلىشتىن ئەنسىرەشتىن ئىبارەت، بۇلار كىشىلەرنىڭ ئۆز ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا سەۋەب بولالايدىغان دائىملىق ئامىللاردۇر.
ئىقتىسادىي كىرىزىسدىن ئىلگىرى، ھەر كۈنى تەخمىنەن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش مەلۇماتىدىن 10 نى قوبۇل قىلىناتتى، ھازىر 100 دىن كۆپرەكى قوبۇل قىلىنىدۇ. بېيكارى مۇنداق دېدى: قوبۇل قىلىنغان تېلېفونلارنىڭ كۆپىنچىسى 30 ياشتىن 50 ياشقىچە بولغان ئاياللار ۋە 40 ياشتىن 45 ياشقىچە بولغان ئەرلەردىن كېلىدۇ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىقتىسادتىن ئۈمىدىنى ئۈزگەن. مېنىڭچە، غورورى دەپسەندە قىلىنغان، مەغرۇرلۇق دەسمايىسىدىن ئايرىلغان ئەرلەرنىڭ يارىسى ئەڭ ئېغىر.
ئىقتىساد چېكىنگەن بەش يىلدا، نامراتلىقنىڭ ئېغىرلىشىشى، ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ %18 كە يېتىشى بىلەن، جىنايەت ئۆتكۈزۈش نىسبىتىمۇ زور كۆلەمدە ئاشتى. نۆۋەتتە، ئافېنانىڭ شەھەر مەركىزىدىلا، 20 مىڭ كىشى ماكانسىز يۈرمەكتە. زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەر، بۇرۇختۇملۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار ۋە روھىي كېسەللەر، ئۆزىنى مەجروھ قىلىۋالغانلارنىڭ سانى ئاشماقتا. پىسخولوگلارنىڭ دوكلاتىدا ئېيتىلىشچە، ئۆتكەن بىر يىلدا ئۇلارنىڭ مۇلازىمەت ئېھتىياجى %30 ئاشقان، بىمارلارنىڭ كۆپىنچىسى مالىيە ئەندىشىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان تەشۋىشلىنىش، ئۈمىدسىزلىنىش قاتارلىق كېسەللەرگە گىرىپتار بولغان.
روھىي كېسەل مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قارىشىچە، گرېتسىيە ھۆكۈمىتى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان مەملىكەت خاراكتېرلىك سىياسەت چىقىرىشى كېرەك. بېيكارى مۇنداق دېدى: ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى كۆپىيىشى كېرەك، ئوقۇتقۇچى، تۈرمە ساقچىسى، پوپ، ساقچى ۋە كەسپىي خادىملار ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ھادىسىسىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك، بۇ مەسىلىگە يەنە سەل قاراشقا بولمايدۇ.
كىرزىس زەربىسىدە گرېتسىيەدىكى ئۆلۈۋېلىش نىسبىتى ياۋروپا بو...
فىلىپپىن زۇڭتۇڭى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ‹‹ئاپەت ھالىتى››گە كىرگ...
ئوباما بىلەن بايدىن ‹‹ئىراق ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تە...
ئوكرائىنانىڭ كىيېۋ شەھىرىدىكى ھەربىي ساھىبجاماللارنى تالل...
«ئىلچى» كىيىم-كېچەك شىركىتى تۈركىيەلىك لايھلىگۈچى بىلەن تو...
نيۇ يوركتىكى يېڭى دۇنيا سودا مەركىزى 1-نومۇرلۇق بىناسى 90-قەۋ...
فىرانسىيەنىڭ ماي پاراخوتى قاتتىق شامال سەۋەبىدىن قۇرۇقلۇقق...