ئامېرىكا جۇڭگونى ئىستىراتىگىيەلىك يادرو سۆھبىتىگە قاتنىشىشقا نەسىھەت قىلىشقا ئۇرۇنماقتا

02011-12-26 10:52:07   شىنخۇا تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
   ئامېرىكا  ئېنىرگىيە ۋە بايلىق مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى دانئىر بۇلۇس بۇنىمان ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ بىر تۈرلۈك موھىم تەكلىپىگە تۇتۇش قىلغان،مەزكۈر تەكلىپ كەلگۈسىدە ئامېرىكا يادرو قورال تەجرىبىخانىسى بىلەن جۇڭگونىڭ يادرو تەجرىبىخانىسى ئوتتۇرسىدىكى ئالىملارنىڭ ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىش پائالىيىتىنى قايتا قوزغىتىدۇ.
ئامېرىكا ئەمەلدارى مۇنداق دېدى:بۇ تەسەۋۋۇر جۇڭگو ھەربىي تەرەپنىڭ مەخپى بولغان چوڭ كۆلەمدىكى يادرو قوراللىرىنى ياساش ئەھۋالىنى ئېچىۋېتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ،ئاشكارلىق دەرىجىسىنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت.
    تەنقىتچى زاتلار مۇنداق دېدى:پىلان ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90 يىللىرى ئالماشتۇرۇلغان پىلانغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ،ئەينى ۋاقىتتا ئامېرىكا يادرو ئالىملىرىنى جۇڭگوغا ئەۋەتىپ،ئەڭ ئوسال بولغان يادرو دېلۇسىنى پەيدا قىلىپ،ئامېرىكا قورال ئامبىرىدىكى ھەر بىر يادرو ئوق بېىشىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارلاپ قويغان ئىدى،بۇ سۈ ئاستى پاراخۇتى ئارقىلىق قويۇپ بېرىلىدىغان W-88 تىپلىق كىچىك تىپتىكى يادرو ئوق بېشىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
    بۇ پىلاندىن خەۋىرى بار ئەمەلدارنىڭ ئېيتىشىچە،مەزكۈر پىلان يېقىندا ئاقسارايدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق دۆلەت بېخەتەرلىك ئىشلىرى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ سىياسىي كومىتېتى يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىنغان.
   مەزكۈر تەكلىپ ھۆكۈمەتنىڭ ھەربىي ھازىرلىقلارنى كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ بېخەتەرلىك سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدۇ.ئەمەلدارلارنىڭ سۆزىگە ئاساسلانغاندا ھۆكۈمەت جۇڭگونىڭ ئامېرىكا بىلەن بىرلىكتە ئىستىراتىگىيەلىك يادرو سۆھبىتىگە كىرىشىنى ئۈمىد قىلغان ۋە نەسىھەت قىلغان،ئەمما بۇ جۇڭگو تەرەپتىن نۆۋەتتە رەت قىلىنغان.
يەنە بىر پىلاندىن خەۋەردار ئەمەلدار مۇنداق دېگەن:بۇ كۆپ تەرەپلىك ھەربىي ھازىرلىقلارنى كونترول قىلىش پىلانى جۇڭگوغا قول سېلىشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى.مەزكۈر تەكلىپ پارلامېنتنىڭ قارشى تۇرۇشىغا ئۈچرىشى مۇمكىن.
   ئاۋام پالاتاسى جۇمھۇرىيىتى <<2012-يىللىق دكلەت مۇداپىئە ھوقۇق بەرگەن قانۇن لايىھىسى>>نىڭ ماددىسىنى كۆپەيتتى.بۇ قانۇن لايىھىسى بەش بۈرجەكلىك بىنا ۋە ئېنىرگىيە بايلىق مىنىستىرلىقىنىڭ بېيجىڭ بىلەن ھەمكارلىشىپ جۇڭگودا يادرو بېخەتەرلىك مەركىزىنى قۇرۇش چەكلىدى.ئەگەر مەزكۈر ماددا ئىمزالىنىپ قانۇنغا ئۆزگەرسە ئۇنداقتا ئۇ مەزكۈر مەركەزنى خىراجەت بىلەن تەمىنلەشنى چەكلەيدۇ،تاكى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جۇڭگۇنىڭ يادرونى كېڭەيتىش پائالىيىتىنىڭ توختىغانلىقىنى ئىسپاتلىغىچە مەزكۈر مەركەز ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ.
ئامېرىكا ئاخبارات مىنىستىرلىقى جۇڭگونىڭ پاكىستان ۋە باشقا يېڭىدىن گۈللەنگەن يادرو دۆلەتلىرى بىلەن چىگرا ئىچىدىكى يادرو كېڭەيتىش پائالىيەتلىرىنى باغلىۋالدى.
   يۇقىرىقىلارنى ئېيتقان ئەمەلدار مۇنداق دېدى:مەزكۈر پىلان كىشلەرگە ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرى يۈز بەرگەن لوس ئالامۇس دۆلەتلىك تەجرىبىخانىسىدىكى ئالىم لى ۋىنخى دېلۇسىنى ئەسلەتتى.W-88 يادرو ئوق بېشى مەخپىيەتلىكىنى جۇڭگوغا ئاشكارلاپ قويۇش ئىشىدا لى ۋىنخى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى گۇمانلىنىدىغان ئاساسلىق گۇماندار.
بېخەتەرلىك ئەمەلدارى مۇنداق دېدى:ئىككى دكلەتنىڭ يادرو تەجىرىبىخانىسىنىڭ ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىنى قوزغىتىش ئېھتىمال جۇڭگونى مەنپەئەتكە ئېرىشتۇرۇشى مۇمكىن.
   ئېنىرگىيە بايلىق مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جون شۇيا ماكتىنا مۇنداق دېدى:بىز قەرەللىك يىغىن ئېچىپ بىزنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ئالاقىدار پائالىيەتلەرنى قايتا قاراپ چىقىمىز،بىزنىڭ تىنچلىق ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ئىلمىي كېلىشىمىمىز ئاستىدا نۆۋەتتە بۇ پائالىيەت نۇرغۇن ساھەلەرنى قاپلايدۇ،لېكىن ئۇ يىغىننىڭ تەپسىلاتىنى ئاشكارلاشنى رەت قىلدى.جۇڭگونىڭ ھۆكۈمەت خادىمى ئامېرىكا ئوتتۇرغا قويغان ئىستىراتىگىيەلىك يادرو سۆھبەت تەلىپىنى كۆپ قېتىم رەت قىلدى،بۇنىڭ يېقىنقى بىر قېتىمى 1-ئايدا ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىغا تەيىنلەنگەن روبېرت گايسىنىڭ جۇڭگونى زىيارەت قىلغان ۋاقتىدا رەت قىلىنغان.