ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى جىم سىنسىنبولونا 22-چىسلا بىرىنچى خانىمنى ‹‹كاسىسى چوڭ››دەپ مەسخىرە قىلغانلىقى ئۈچۈن ئەپۇ سورىغان.
سىنسىنبولونانىڭ ئاخبارات ۋاستىلىرى ئىشلىرىغا مەسئۇل كاتىپى ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرىغا ،مەزكۇر جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسىنىڭ 22-چىسلا مىشىلگە شەخسى خەت يازغانلىقى ۋە ھەمدە ئاشكارا بايانات ئېلان قىلىپ،ئۆزىنىڭ نامۇۋاپىق گەپ سۆزلىرى ئۈچۈن ئەپۇ سورىغانلىقىنى ئېيتتى.
سىنسىنبولونانىڭ ئىشخانىسى مىشىلغا يېزىلغان خەتنىڭ مەزمۇنىنى ئاشكارلىمىغان.
‹‹مىلۋاۋكى ئاخبارات گېزىتى››نىڭ خەۋىرىدە،سىنسىنبولونا مۇشۇ ئايدا خارتفورت چېركاۋىدا كىشىلەر بىلەن پاراڭلاشقاندا مىشىلنىڭ مۇشۇنداق بولمىغۇر گەپ سۆزلىرىنى قىلغان دېيىلدى.
چېركاۋ خادىمى ئان ماش مېگىسنىڭ ئېيتىشىچە،بۇ ۋىسكونسىن شىتاتىدىن كەلگەن پارلامېنت ئەزاسى شۇ كۈنى مىشىلنىڭ بالىلارنىڭ سېمىزلىكىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن چىقارغان تىرىشچانلىقى توغرىسىدا توختالغاندا،سىنسىنبولونا سۆزلەپ ‹‹قاراڭلار،ئۇنىڭ يوغان كاسىسىغا››دېگەن.
مىشىلنىڭ ئاخبارات ئىشخانىسى سىنسىنبولونانىڭ گەپ-سۆزى ۋە ئۇنىڭ كەچۈرۈم سورىغانلىقىغا قارىتا ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىغان.
ئامېرىكا پارلامېنت ئەزاسى بىرىنچى خانىمنى‹‹ساغرىسى چوڭ››د...
پىڭراڭ جىن جېڭرىنىڭ ۋەسىيىتى بويىچە بارلىق شەھەر ئاھالىسىگ...
ئىراقتا 13 قېتىم كەينى-كەينىدىن پارتلاش يۈز بېرىپ، 63 كىشى قاز...
شىنجاڭدا پۇل توشۇيدىغان تۆت ساقچى بۇلاڭچىلىق قىلدى، ھەمدە س...
يەمەننىڭ پايتەختىدىكى قۇراللىق توپىلاڭچىلار داۋاملىق ھۆكى...