پىڭراڭ جىن جېڭرىنىڭ ۋەسىيىتى بويىچە بارلىق شەھەر ئاھالىسىگە دېڭىز مەسھۇلاتلىرى تارقىتىپ بەردى

0 2011-12-26 10:32:40   شىنخۇا تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

چاۋشيەن پايتەختى پىڭراڭدىكى بارلىق ماگىزىنلار 23-چىسلادىن باشلاپ،ئاللىقاچان قازا قىلغان چاۋشيەن رەھبىرى جىن جېڭرىنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى كۆرسەتمىسى بويىچە، پايتەختتىكى ئاممىغا دېڭىز مەسھۇلاتلىرى تارقاتقان.

چاۋشيەن مەركىزى تېلىۋىزىيە ئىستانسىىسىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە،جىن جېڭرى ھايات ۋاقتىدا دائىم پىڭراڭدىكى پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىنى ئەسكە ئېلىپ تۇرىدىغان بولۇپ،ئۇلارغا سېلد بېلىقى بىلەن تېرىسكا بېلىقى تارقىتىپ بېرىش ئۇنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ئورۇنلاشتۇرۇشىنىڭ بىر قىسمى ئىكەن.

پىڭراڭ شەھەرلىك خەلق كومىتىتىنىڭ ئەمەلدارى :گېنرال 12-ئاينىڭ 15-كۈنى مۇناسىۋەتلىك خادىملارنى چاقىرىپ،پىڭراڭ ئاھالىسىنى دېڭىز مەسھۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش ئەھۋالى،تەييار بولدىمۇ يوق،قانداقراق تەمىنلىنىۋاتىدۇ دېگەنلەرنى سۈرۈشتۈرگەن ، ھەمدە ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى خەلققە تەمىنلىنىدىغان دېڭىز مەسھۇلاتلىرىنىڭ تۈرى،سانى ۋە تەمىنلەش لاھىيىسى قاتارلىقلارغا يېتەكچىلىك قىلغان.

دېڭىز مەسھۇلاتلىرى پىڭراڭغا ئوڭۇشلۇق يېتىپ بارغاندىن كېيىن،چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيىسى مەركىزى كومىتىتىنىڭ مۇئاۋىن كومىتىت باشلىقى جىن جېڭئېن 22-چىسلا رەسمىي تارقىتىپ بېرىش بۇيرۇقى چۈشۈرگەن.خەۋەرنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن،پىڭراڭ ئاھالىسى ماگىزىندا ئۆچىرەت تۇرۇپ دېڭىز مەسھۇلاتلىرى ئېلىۋالغان.

پىڭراڭ ئاھالىسى:دېڭىز مەسھۇلاتلىرى تارقىتىپ بېرىش بۇيرۇقىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن،مەن ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالماي ھاڭ-تاڭ قالدىم.پۈتۈن مەملىكەت خەلقى مېھرىبان گېنرالنى يوقىتىپ قويغىنىدىن ياش تۆككەن ۋاقتىدا ، گېنرالنىڭ غەمخورلۇقى دېڭىز مەسھۇلاتلىرى بىلەن بىللە تارقىتىپ بېرىلدى .

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博