ئوباما ئامېرىكا بىرىنچى خانىمىنىڭ ئېستىمال قىلىشىنى چەكلىدى

0 2011-12-27 10:54:10   شىنخۇا تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

   21-چىسلا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما سودا سارايغا كېلىپ روژدېستوۋولىق نەرسە-كېرەكلەرنى سېتىۋالدى، 23-چىسلا، ئوباما مائاش بېجىنى كېمەيتىش ۋاقىتلىق قانۇن لاھىيەسىگە ئىمزا قويدى، شۇ كۈنى كەچتە ئوباما پېئارل خاربور پورتى ھەربىي بازىرىغا يېتىپ  باردى.
   ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ 25-چىسلادىكى خەۋىرى، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 23-چىسلا كەچتە ئايالى بىلەن روژدېستوۋو بايرىمىنى بىللە ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ھاۋاي ئىشىتاتى ھونولۇلۇغا يېتىپ باردى، بۇ قېتىملىق روژدېستوۋولۇق دەم ئېلىشتا باج تاپشۇرغۇچى 400تۈمەن ئامېرىكا دوللىرى سەرپ قىلغان بولۇپ، پارلامېنت قاتلام چىقىمنى ئازايتىش خامچوتى قىلغاندا، «ئېستىمال كونتىروللىقىنى يوقاتقان»دەپ تەنقىدلەندى.
    كىچىك بۇشنىڭ 1020كۈن دەپ ئېلىشى
  ئىگىلىنىشچە، 400تۈمەن دوللار باج خىراجىتىنىڭ چىقىمى ئاساسلىقى ساياھەتكە سەرپ قىلىنغان، چۈنكى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ھاۋا ئارمىيىسى1-نومۇرغا ئولتۇرۇپ بىر يەرگە بېرىشنىڭ ئۆزىگىلا نۇرغۇن خىراجەت سەرپ قىلىنىدۇ.
   «سۈرۈشتۈرۈش گېزىتى»نىڭ مۆلچەرلىشىچە،ھاۋا ئارمىيىسى1-نومۇرنىڭ ھەر سائىتىگە 181757دوللار سەرپ قىلىدىكەن، مەزكۇر گېزىتنىڭ ھاۋايدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرىنىڭ دېيىشىچە، ئوبامانىڭ رەپىقىسى ئوبامادىن بۇرۇن ھاۋايغا بېرىپ بولغان بولۇپ، يەنە تېخى بىر  ھەربىي ئايروپىلان ئەگىشىپ قوغداپ ماڭغان، بۇنىڭ ئۆزىگىلا 10تۈمەن ئامېرىكا دوللىرى سەرپ قىلىنغان،ئۇنىڭ ئۈستىگە يېقىلغۇ ماي باھاسى بىلەن تىجارەت تەننەرخى ئۆسۈپ كەتكەندىكىن، بۇ قېتىملىق ئېستىمال بۇرۇنقىدىن يۇقىرى بولغان.
  ئۆتكەن يىلى مۇنداق ۋاقىتتا، جامائەت سىياسەت تەتقىقات تور بېكىتى«ئەمەلىيەتنى تەكشۈرۈش»،نەچچە نۆۋەتلىك ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ دەم ئېلىش ۋاقتىغا ئىستاتىسكا قىلىش ئېلىپ باردى، ئىستاتىسكا قىلىش ئارقىلىق، زۇڭتۇڭ ئوبامانىڭ خىزمەتكە چۈشكەن بىرىنچى يىلى پەقەت 26كۈن دەپ ئالغانلىقى، بۇ ئالدىنقى ئۈچ نۆۋەت جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى زۇڭتۇڭىنىڭكىدىنمۇ قىسقا بولغانلىقى، لېكىن كىلىنتوننىڭكىدىن ئۇزۇن بولغانلىقى ئېنىقلاندى.
   جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى زۇڭتۇڭى كىچىك بۇش ئىككى نۆۋەت خىزمەت ئۆتەۋاتقان ۋاقتىدا جەمئىي 1020كۈن دەم ئېلىش قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە 487كۈنى دېۋى گازارمىسىدا، 490كۈنى ئۆزىنىڭ تېكساس ئىشتاتى كېلافود دېھقانچىلىق مەيدانىدا، يەنە 43كۈننى ئۆزىنىڭ مېئانې ئشىتاتىدىكى  قورۇقىدا ئۆتكۈزگەن، كېننېدى زۇڭتۇڭ خىزمەت ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە 1000كۈننىڭ ھەممىسىنى ئاقسارايدا ئۆتكۈزمىگەن.
  خۇسۇسىي دېڭىز ساھىلى كۈنىگە 3500دوللار
«كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»خەۋىرىدە دېيىشىچە، بۇ قېتىملىق روژدېستوۋو كېلىشتىن بۇرۇن، ئىقتىساد كرىزىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولغاچقا، زۇڭتۇڭ ئوباما مائاش بېجى مەسلىسى ئۈستىدە قىيىن ئەھۋال ئاستىدا قالدى، ئۇ ئەسلىدە ماريلاند ئشىتاتى دېۋى گفزارمىسىدا ئاددىيلا بايرام ئۆتكۈزمەكچى ئىدى، لېكىن بىرىنچى خانىم مىچىل قىزلىرىنى ئۈمىدسىزلەدۈرۈپ قويماسلىق ئۈچۈن، ھاۋايغا بېرىشقا چىڭ تۇردى، ئوباما ئامالسىز، ئايال بىلەن قىزلىرىنى ئاۋال يولغا سېلىۋەتتى، ئۆزى مائاش بېجى قانۇن لاھىيەسىنى بىر تەرەپ قىلىپ بولۇپ، 23-چىسلا كەچتە ئاندىن يېتىپ باردى.
   ئوباما خانىم ئاخبارات ۋاستىلىرى تەرىپىدىن ئېستىمال خىراجىتى ھەدىدىن زىيادە دەپ تەنقىدلىنىپلا قالماي، يەنە تېخى يېقىنقى بىر مەزگىلدە نەرسە-كېرەك سېتىۋىلىش جەھەتتىمۇ تەنقىدگە ئۇچرىدى. چۈنكى ئۇ ھاۋايغا بېرىشتىن بۇرۇن نۇرغۇن خىراجەت قىلغان.
   ھەتتا ئۇنىڭ يولدىشى ئوبامامۇ ئۇنىڭغا مۇلايىمچە ئەسكەرتىش بەرگەن ھەم ئېستىمال قىلىش جەھەتتە كونتىروللىقىڭىزنى يوقىتىۋاتىسىز دەپ ئاگاھلاندۇرۇپ قويغان، يەنە تېخى ئەمدە نەرسە-كېرەك، كىيىم-كېچەك سېتىۋالماڭ دېگەن بولسىمۇ، مىچىل خانىمنىڭ قۇلىقىغا يولدىشىنىڭ گېپى كىرىپمۇ قويمىغان.
    ئىگىلىنىشچە، ئوباما ئائىلىسى ھاۋايدىكى خۇسۇسىي دېڭىز ساھىلىدا روژدېستوۋو بايرىمى ئۆتكۈزگەن، بۇ دېڭىز ساھىلىنىڭ كۈنلۈك ئىجارىسى 3500دوللار بولۇپ، بىر ئايلىق ئىجارىسى 75000دوللار بولۇپ، ئوباما ئائىلىسى يېڭى يىلدىن كېيىن ئامېرىكىغا قايتقۇدەك.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博