چاۋېس ئۆزى بىلەن ئوبامانىڭ سۆيۈشۈپ تۇرغان ئېلانىنى ئىجادىي تەپەككۈرى ياخشى بوپتۇ دېدى

0 2011-12-09 11:13:44   جۇڭگو ئاخبارات تورى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

    چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرى:ۋېنېسۇئېلا زۇڭتۇڭى چاۋېس 6-چىسلا نېيناتوڭ ئېلانى-"چاۋېس ئوبامانى سۆيىۋالدى"دېگەن ئېلانىغا باھا بەردى ھەم ئېلاننىڭ ئىجادىي تەپەككۈرى ئېسىل بوپتۇ، بولىدىغان چاقچاقكەن دېدى.
  بۇ ئېلان ئىتالىيە كىيىم-كېچەك شىركىتى نېيناتوڭنىڭ ئىجادىي تەپەككۈرىنىڭ بىرى.ئېلاننىڭ باش تېمىسى"ئۆچمەنلىكنى يوقىتىش"بولۇپ، مەزمۇنى بولسا ھەر دۆلەت سىياسىي باشلىقلىرىنىڭ سۆيىشىۋاتقان رەسىمى بولۇپ، ئامېرىكا، گىرمانىيە، فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىگە بېرىپ چېتىلىدۇ، چاقچاق  تەركىبى روشەن.
   چاۋېس چاقچاق قىلىپ:"مەن بۇرۇن بۇنى پەقەت كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن، ئوباما قانداقراق چۈشۈپتۇ؟ تېخى كۆزىنى يۇمىۋاپتۇ، قاراشتا ئىنتايىن كىرىشىپتۇ!"دېدى ھەمدە بۇ خىل چاقچاق ھېچنېمە ئەمەس، مەن ئېغىر ئالمايمەن ،بۇ پەقەت بىر سۆيۈشۈشلاكەن، مەن ئادەتتە ھەرخىل-ھەرياڭزا چاقچاق قىلىشلارغا ئۇچراپ تۇرىمەن، لېكىن ئەزەلدىن ئىپادە بىلدۈرمەيمەن، بۇ خۇددى ئۆزىنى زاڭلىق قىلغان بىلەن باراۋەر، لېكىن بۇ چاقچاقنى ياخشى قىپتۇ" دېدى.
  بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، چاۋېس يۇمۇر ئارىلاشتۇرۇپ، مېنىڭ رەسىمىمنىڭ چاقچاق قىلىنىشىغا بېيناتوڭ تولۇقلىما بېرىشنى ئويلاشماپتىما؟" دېدى ھەم:"ئۇلار ماڭا گالىستۇك سوۋغا قىلىشنىمۇ ئويلاشمىغانمىدۇ؟مەن روژدېستىۋودا سوۋغات تاپشۇرۋىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن، ئۇلارنىڭ ماركېتىڭ تاكتىكىسى ئىنتايىن ياخشى بوپتۇ، مەن بەك ياقتۇردۇم"دېدى.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博