ئىچكىرى ئۆلكىدىكى مەلۇم شەھەردە ئەمدىلا 11 ياشقا كىرگەن سەبىي قىز ياپيالىڭاچ ھالەتتە تىلەمچىلىك قىلغان. بۇنى كۆرگەن كىشىلەر تولىمۇ ھەيران قىلىشقان. چۈنكى بۇنداق ئالاھىدە ھەم چەكتىن ئاشقان تىلەمچىلىك ئۇسۇلى ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان بولۇپ، كىشىلەرنىڭ زادى بۇنىڭغا نېمە سەۋەبتىن بولغانلىقىنى بىلەلمەي قالغان. نۇرغۇن خانىم-قىزلار بۇنىڭدىن قاتتىق نومۇس ھېس قىلىشقان. دېمىسىمۇ، بۇ خىل ئەخلاق ۋە ئەنئەنىگە يات بولغان قىلمىشلار پۈتۈن جەمئىيەت كىشىلىرىنىڭ غەزىپىنى قوزغايدۇ.
بۇ خىل كۆرۈنۈشنى كۆرگەن بەزى كىشىلەر مۇنداق دېيىشكەن:« - يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شەھەرلەردە ئاقما تىلەمچىلەر كۆپىيىپ قېلىۋاتىدۇ، يەنە ئادەمنى تېخىمۇ ئەجەبلەندۈرىدىغىنى بولسا ئۇلار كىچىك بالىلارغا قاراپ تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇلار سىستېمىلىق تەربىيە ئالمىغان، نېمىنىڭ ئاق، نېمىنىڭ قارا ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتەلمەيدۇ. ئۇلار نۆۋەتتە تۈرلۈك قىياپەتلەر بىلەن نامايان بولۇۋاتىدۇ، ئەلۋەتتە، بۇلارنىڭ كەينىدە رەزىل كىشىلەر بار، ئۇلار بۇ بالىلار ئارقىلىق ھارام پۇل تاپماقچى! ھۆكۈمەت بۇلارغا ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىشى كېرەك!
- توۋا، بۇ نومۇس ئەمەسمۇ! بىر قىزنىڭ كوچىدا يالىڭاچ ھالدا تىلەمچىلىك قىلىشىنى قانداقمۇ قوبۇل قىلغىلى بولسۇن! ئەجەبا بىزنىڭ مائارىپ مىنىستىرلىقىمىزمۇ نومۇسنى بىلمەمدىغاندۇ؟
شۇنداق، بۇ مەسىلىگە قەتئىي سەل قارىماسلىق كېرەك، بالىلار ئوقۇش يېشىدا بۇنداق ئىشلارنى قىلىشى ئۆز ھاياتىنى بەربات قىلغان بىلەن باراۋەر. شۇڭا، ھەر ساھە بۇ مەسىلىگە جىددىي پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، سەبىي بالىلارنى كوچىدىن مەكتەپ قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىشى كېرەك!