ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئىراقتىكى قىرغىنچىلىقىنى ئاشكارلايدىغان ئارخىپ بايقالغان

0 2011-12-27 12:31:02   65933.com   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

    ئامېرىكا <<نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى>>نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا،يېقىندا ئىراقنىڭ باغدات شەھەر رايونى ئەتراپىدىكى بىر ئەخلەت مەيدانىدا مەزكۇر گېزىتنىڭ مۇخبىرى خادىمان بازىرىدىكى قىرغىنچىلىق ۋەقەسىگە ئالاقىدار 400 بەتلىك بىر مەخپىي ئارخىپنى بايقىغان.
   2005-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى،بىر جەڭچى چارلاش داۋامىدا بومبا پارتىلاش ھۇجۇمىغا ئۈچراپ قازا قىلىش سەۋەبىدىن ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ قۇرۇقلۇق ئەترىتىنىڭ بىرىنچى پولىك 3-گازارماK لىيەنىنىڭ ئەسكەرلىرى ئىراقنىڭ خادىسەت بازىرىدىكى 24 نەپەر ئاددىي پۇقرانى قىرغىن قىلغان.بۇ ئەسلىدە ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ چېكىنىشىگە ئەگىشىپ كۆشدىن يوق قىلغان ئارخىپى خادىسەي بازىرىدىكى ئېچىنىشلىق بۇ دېلونى دەلىللەپ بېرىپلا قالماستىن بەلكى يەنە ئامېرىكا ئارمىيىسى ئەسكەرلىرىنىڭ ئۇرۇش مەيدانىدىكى روھى ھالىتىنىڭ تۇراقسىزلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.ئامېرىكا ئېقىم مەسىلىلىرى مۇلاھىزىچىسى مولى ئەيۋىنسى روھى بېسىم ئاددىي پۇقرارلارنى قىرغىن قىلىشنىڭ باھانىسىغا ئايلىنىپ قالماسلىقى كېرەك،-دېدى.
   ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى قۇرۇقلۇق ئەترىتىنىڭ ئەسكەرلىرى بىرمۇ-بىر ۋەقەنىڭ ھەقىقى جەريانىنى سۆزلەشكە ئاندىن 2005-يىلى خادىسەي بازىرىدىكى ئېچىنىشلىق دېلوغا ئالاقىدار مەخپى تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىشقا ۋەدە بەرگەن.
خادىسەي بازىرى ئىراقنىڭ ئەنبار ئۆلكىسىدىكى بىر كىچىك بازار بولۇپ،2005-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش ئەتىرىتى ئەسكەرلىرى ئۇ يەردە 24 نەپەر ئىراقلىققا زىيانكەشلىك قىلغان،بۇلار چاقلىق ھارۋىدا ئولتۇرغان 76 ياشلىق ياشانغان كىشى ۋە ئەمدىلا ئايىقى چىققان نارسىدە بالىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
   مەخپىي تەكشۈرۈش 2006-يىلى يىل بېشىدىكى ئىش بولۇپ،تەكشۈرۈشتە شەكىللەنگەن ئارخىپ ئەڭ ئالىي ئۇرۇش مەخپىيىتى قىلىنغان.<<نىيويورك ۋاقىت گېزىتى>>نىڭ 12-ئاينىڭ 14-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا،يېقىندا باغدات شەھەر رايونىدىكى بىر ئەخلەت مەيدانىدا مەزكۈر مۇخۈىر بۇنىڭ ئىچىدىكى 400 بەتلىك ئارخىپنى بايقىغان.ئەينى ۋاقىتتا ئەخلەت مەيدانىدىكى بىر خىزمەتچى خادىم بۇلارنى كۈيدۇرۇپ بىر ۋاقلىق تاماق پىشۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان ئىكەن.بۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ھەربىيلەر ئىشلىتىدىغان خەرىتە قاتارلىقلارمۇ بار.
   ئىگىلىنىشچە،بۇ ئارخىپ باشقا ماترىياللار بىلەن بىللە بولۇپ،بىر ئىراقلىق كۆتۈرە ئېلىش سودىگىرى ئامېرىكا ھەربىي بازىسىدىن ئەخلەت مەيدانىدىن توشۇپ كەلگەن.بۇ ئارخىپلارنى كۆيدۈرۈپ تاماق ئىتىشقا تەييارلىق قىلغان خىزمەتچى خادىم مۇنۇلارنى بىلدۈردى:مەن بۇ ئارخىپلارغا نېمىلەرنىڭ يېزىلغانلىقىنى ئەسلا بىلمەيتتىم.ئۆتكەن نەچچە ھەتىدە مەن بۇنداق ئۇرۇش ماتىرىياللىرىدىن خېلى كۆپنى كۈيدۈرۋەتتىم.بى بۇ نەرسىلەرنى ئالغان تەقدىردىمۇ قانداق قىلىمىز دەيسىز، بۇ نەرسىلەر بىز ئۈچۈن قىلچىمۇ ئەھمىيەتسىز نەرسىلەر،ئەمما بىز بۇ نەرسىلەرنىڭ ئامېرىكىلىقلارغا نىسبەتەن بەكمۇ مۇھىم ئىكەنلىقىنى بىلىمىز شۇنىڭ ئۈچۈن كۆيدۈردۇق.
    بۇ ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئىراقتىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشىگە ئەگىشىپ كۆزدىن يوقاتماقچى بولغان ئارخىپلىرى خادىسەي بازىرىدا يۈز بەرگەن ئېچىنىشلىق دېلونى دەلىللەپ بەردى،بۇ ۋەقە ئىراقلىقلارنى ئامېرىكا ئارمىيىسىگە ئۆچ قىلىۋەتتى،چۈنكى ھازىرىغا قەدەر بىرمۇ قىرغىن قىلغۇچى جازالانمىدى.
   <<نىيويورك ۋاقىت گېزىتى>>نىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى:ئۇرۇش ئەسكەرلەرنىڭ ئادىمىيلىكىنى يوقاتقۇزۇپ قويدى،ئەينى چاغدىكى كۆز ئالدىدىكى خەتەرنى مۇقىملاشتۇرۇشقا ئامالسىز قالغاندا ئاددى پۇقرارلارغا ئوق چىقىرىش ھېچقانچە چوڭ ئىش ھېسابلانمايدۇ.

تور ژۇرنىلى<<سالۇن>>نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا،ۋەقە يۈز بېرىپ ئىككىنچى كۈنى،ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا يېقىن ئەتراپتىكى ئىراقلىق مۇخبىر ھەممىلا يەر قانغا بويالغان نەق مەيداننى سىنئالغۇغا تارتىۋالغان.كېيىن سىنئالغۇ لېنتىسى ئىراقتىكى بىر ھوقۇقلۇق تەشكىلات ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ <<دەۋىر>>ژۇرنىلىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن.دەۋىر ژۇرنىلى مۇخبىرى بۇ ئىشنى  ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش ئەترىتىدىن سۈرۈشتۈرگەن.قارشى تەرەپنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى جېفۇل بويىر مۇنداق دېگەن:بۇ بولسا بازا تەشكىلاتى ياساپ چىققان پىتنە-پاسات.ئاشۇ زىيانلانغۇچى ئاددى پۇقرارلارغا قارىتا ئامېرىكا ئارمىيىسى <<ئۇلار يول بويىدىكى بومبىدا پارتىلاپ ئۆلگەن>>،-دېدى.
   2006-يىلى <<دەۋىر>>ژۇرنىلى خادىسەي بازىرىدىكى ئاھالىلەرنى زىيارەت قىلدى،ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەر ئۇ قېتىمقى ۋەقەنىڭ بىر قېتىملىق قانلىق قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى.

 

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博