چېلسى ئايۋىزنىڭ(Chelsea Ives) ئاپىسى سوت مەھكىمىسىدىن ئايرىلدى، چۈنكى ئۇنىڭ قىزى ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلغانتى. چېلسى ئايۋىز بۇ يىل 18 ياش بولۇپ، ئالدىمىزدىكى 2012-يىلى لوندون ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ئوبراز ئەلچىسى بولغان بۇ قىزچاق ئەنگلىيىدە يۈز بەرگەن زور مالىمانچىلىققا قاتناشقان، ئۇ تېخى ساقچى ماشىنىسىنى ئۇرۇپ چېقىش بىلەنلا بولدى قىلماستىن، باشقىلارغا باش بولۇپ تېلېفون ساتىدىغان دۇكانغا بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشقا كىرگەن. چېلسى ئايۋىز ھازىر ساقچىلار تەرىپىدىن قانۇن بويىچە تۇتۇپ تۇرۇلدى.
18 ياشقا كىرگەن ئەنگلىيىلىك بۇ چىرايلىق قىزچاق 2012-يىلى ئەنگلىيە لوندون ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى مەزگىلىدە ئوبراز ئەلچىسى بولغاندىن باشقا، پىدائىي بولۇپ ئايرودروم ۋە پويىز ئىستانسىدا يىغىنغا قاتناشقۇچىلار ۋە ساياھەتچىلەر ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلاتتى. 2010-يىلى 7-ئايىدا ئوبراز ئەلچىسى سالاھىيىتى بىلەن لوندوننىڭ شەھەر باشلىقى بورس ۋە لوندون ئولىمپىك كومىتېتى رەئىسى ساباستىننىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشكەن.
7-ئاۋغۇست كەچتە، ئايۋىز كوچىدا مالىمانچىلىققا قاتنىشىۋاتقاندا، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى 54 ياشلىق لوجېي بىلەن 47 ياشلىق ئەندىلىئەن ئۆيدە تېلېۋىزور كۆرۈۋاتقان بولۇپ، مالىمانچىلىق ھەققىدىكى خەۋەر بېرىلىۋاتقانىكەن، ئۇلار تۇيۇقسىز ئۆزلىرىنىڭ قىزنىڭمۇ شۇ مالىمانچىلىققا قاتنىشىپ قالغانلىقى بايقاپ قالغان. ئۇلارنىڭ ئۆيى مالىمانچىلىق بولۇۋاتقان رايونغا ئاران 9.6 كىلومېتىر كېلەتتى.
ئۇزۇن مەزگىللىك ئارىسالدىلىقتىن كېيىن، ئايۋىزنىڭ ئاتا-ئانىسى ناھايىتى ئازابلىق قارارنى چىقارغان، يەنى ئۆز قىزىنى ئېلىپ ساقچىغا ئۆزىنى مەلۇم قىلىشقا بارغان. ئاپىسى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بىز بۇ قارارنى چىقارغانلىقىمىزدىن قەتئىي پۇشايمان قىلمايمىز، بىز قىزىمىز بەك ياخشى كۆرىمىز، ئەمما مالىمانچىلىق نۇرغۇن ئادەملەرنى خىزمىتىدىن ھەتتا ھاياتىدىن ئايرىدى، شۇڭا قىزىمىز ئۆزنىڭ خاتا قىلغان قىلمىشى ئۈچۈن بەدەل تۆلىشى كېرەك.
گۇاڭشى نەننىڭ تاماكا زاۋۇتىنىڭ قۇرۇلۇش ئورنىدائوت كەتتى،قو...
شىنجىن شەھەرلوخۇ دابىر ئاپتۇبۇس تۇيۇقسىز يولدىن چىقىپ كېتى...
روسىيە قورال-ياراغ سودىگىرى بۇتېنىڭ ئايالى ئامېرىكىدا تۇرۇ...
تالىبانلار تۇتقۇن قىلىۋالغان شۋېتسارىيەلىك ئەر-ئايالنىڭ قۇ...
ھىندونېزىيە 2004-يىلدىكى ھىندى ئوكيان دېڭىز شاۋقۇنىنىڭ 7 يىلل...
89ياشقا كىرىپمۇ پاراشوت بىلەن سەكرەشنى داۋام ئېتىپ كەلگەن شا...