18-ئاۋغۇست سۈپەت تەكشۈرۈش ئىدارىسى ئۈرۈمچى يېڭى شەھەر رايونىدىكى كىنىشكىلىرى تولۇق بولمىغان كاۋاس ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى .نەق مەيداندا ئىشلىنپ بۇلۇنغان كاۋاس بىلەن كاۋاس ئىشلەشكە ئىشلىتىدىغان ماتېرىياللار تەكشۈرۈلدى.
بۇ تەكشۈرۈلگەن ئىشلەپچىقىرىش ئورنىنىڭ ئىسمى ‹ئالى ›بۇلۇپ ،نەق مەيداندا نۇرغۇن مەينەت قۇرۇق ساندۇقلار تېپىلدى ،ئۇ يەردى ئىشلەمچىلەر :بۇ ساندۇقلار قايتۇرۇلغان قۇرۇق ساندۇق ئېلىپ كېلىنگەندىن كېيىن سۇدا چايقىۋېتىپلا ئىشلىتىدىغانلىقىنى ،بۇ ساندۇقلارى دېزىنفىكسيەقىلمايدىغانلىقىنى ئېيتتى .پۈتۈن زاۋۇت ئىچىدە خىزمەتچىلەرنىڭ كىيىم يۆتكەش ئۆيى ۋە چىۋىن چاشقان ئۆلتۈرۈش ئەسلىھەلىرى يوق ئىدى . زاۋۇتنىڭ تىجارەت كىنىشكىسىنىڭ باسما نۇسخىسىدا تىجارەت دائىرىسىدە سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىگە قارىتا بىجىرگەن بۇلۇپ ،يىمەكلىك كىنىشكىسىنى يوق ئىكەن .
2008-يىلى غۇلجا شەھىرى سۈپەت تەكشۈرۈش ئىدارىسى كاۋاس ئىشلەپچىقىرىش ،ماركا ،تۇشۇش،سۈپەت تەكشۈرۈش جەريانىغا قارىتا ئېنىق بەلگىلىمە تۈزگەن ئىدى ،ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشى يەرلىك كاۋاس ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتلىرىنى ياخشى تەرتىپلىك باشقۇرىشىغا ناھايىتى ياخشى رول ئوينىغان.
ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ دېيىشچە ئەگەر كاۋاس ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى قۇرۇش توغرا كەلسە چوقۇم مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردىن يىمەكلىك كىنىشكىسىنى تولۇق بىجىرىشى كېرەك ،بۇ خىل تىجارەت ئىچىملىك تۈرىگە كىرىدىكەن .لېكىن ئۈرۈمچىدە بۇ خىل كاۋاس ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتىنىڭ بىرسىمۇ لاياقەتلىك بولمىدى ،شۇنداقلا بۇكارخانلارنىڭ ھېچقايسىسىغا تىجارەت كىنىشكىسى بىجىرىلمىدى . ئەگەر خەلق ئاممىسى بۇ خىل قانۇنسىز كارخانلارنى بايقىسا 12365غا تېلفون قىلىپ ئىنكاس قىلسا بولىدۇ .
«بۇرنى يوق» قىزچاق ئاخىرى بۇرۇنغا ئېرىشىپ مەكتەپكە قوينىغا ...
يەسلى ئوقۇتقۇچىسى پىچاق بىلەن سەككىز كىچىك بالىنى يارىلاند...
چىلى دۆلەت بويچە ئىش تاشلاش پائالىيىتى ئىككىنچى كۈنگە قەدەم...
كانادا ئۆكتىچىلەر پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى لىنتۇننى دەپنە قىلى...
بېيجىڭدىكى لىۋىيىلىكلەر كازافىي دەۋرىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىن...