ئەزەلدىن بىرەر دانە يىڭنە چاغلىق نەرسە ئېلىپ باقمىغان يەتتە ياشلىق قىزچاق ئۆزنى ئاتىسى تەرىپىدىن ئوغۇرلۇققا سېلىنىپ، ھېچنېمە ئالالمىغاندا قايناقسۇ چېچىپ، بەدىنىنىڭ %85 ئارتۇق قىسمىنى كۆيۈپ كەتكەن. ھازىر قىزىل كرېست دوختۇرخانىسىدا جىددىي قۇتقۇزۇشتا، ئاخىرقى بىرلا تىنىقى بىلەن ياشاۋاتىدۇ. ھازىر قىزچاققا بوۋىسى بىلەن مومىسى قاراۋاتىدۇ، ئەسلى بۇ ھايۋان ئاتا بۇ كىچىك ئوماق قىزچاقنى ئوغۇرلۇققا سالغان، لېكىن قىزچاق ئۇدا بىر قانچە كۈن «ۋەزىپە»نى ئورۇندىيالمىغان، شۇڭا قىزچاققا تاماق بېرىلمەسلىك جازاسى بېرىلگەن، كېيىن بۇ ھايۋاننىڭ ساراڭلىقى تۇتۇپ، بىللە تۇرۇۋاتقان قىز دوستى بىلەن كىچىك قىزچاقنى قىيناپ ئۇرغان، ئاخىرىدا كىيىملىرىنى سالدۇرۇۋېتىپ، بىر چەينەك قايناقسۇ تۈگىگىچە چاچقان.
ساقچىلار ھازىر بۇ ھايۋان ئاتىنى قانۇن بويىچە تۇتۇپ كەتتى، كىچىك قىزچاققا ھازىرمۇ بوۋىسى ۋە مومىسى قاراۋاتقان بولۇپ 500 مىڭغا يېقىنلىشىدىغان داۋالاش ھەققى ۋە دورا-ئۇكۇل پۇلى ياشىنىپ قالغان بۇ ئىككى كىشىگە بەك ئېغىر كەلگەن.
ئۇنداقتا بۇ ھايۋان ئاتا زادى قانداق ئادەم؟ ئىنىسىنىڭ ئېيتىشىچە، ئاكىسى ئەزەلدىن گېپى ئاز، ئىچكى مىجەز ئادەمكەن، پات-پاتلا ئۇششاق چۈشەك بولسىمۇ ئوغرىلىق ياكى ئالدامچىلىق قىلىپ يۈرىدىكەن، كېيىن باشقىچىلا بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قالغان، بۇ دەل ئۇنىڭ ئايالىدىن ئاجرىشىشنىڭ سەۋەبى ئىكەن. 2004-يىلى ئايالى بۇ كىچىك قىزچاقنى تۇغقاندا، ئۇلارنى تۇرمۇشىدىن چاتاق چىقىشقا باشلاپ ئاخىرىدا ئاجرىشىپ كەتكەن، ئايالى ئوغلىنى ئېلىپ كەتكەن، قىزنى ئۆزنى ئېلىپ قېلىپ كېيىن ئاتا-ئانىسىغا بېقىپ بېرىشكە بېرىپ باشقا يۇرتقا چىقىپ كەتكەن.
دەسلەپ چىقىپ كەتكەندە يىلدا بىر-ئىككى قېتىم قايتىپ كېلىدىغان بولۇپ، ئاساسلىق ئاغرىپ قالغاندا ياكى پۇل لازىم بولغاندا ئاتا-ئانىسى ياكى باشقا قېرىنداشلىرىدىن پۇل سوراش ئۈچۈن كېلەتتىكەنتۇق. يېقىنقى بىر قانچە يىلدا ئاساسەن قايتىپ كەلمەيدىغان بۆلىۋالغان بولۇپ، ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنىڭ سىرتتا نېمە ئىشلارنى قىلىپ يۈرگەنلىكىنى بىلمەيدىكەن. 2008-يىلى ئاكام ئۆزى بىلەن تەڭتۇش كېلىدىغان بىر ئايال بىلەن بىرگە تۇرۇۋېتىپتىكەن، مەن قارىسام ئۇ ئايالمۇ ئاكامغا ئوخشاش بىرەر ئىش خۇشياقمايدىغان، تەييارتاپ ئايال ئىكەنتۇق دېدى ئىنىسى ئەسلەپ. كېيىن باشقىلارنىڭ موتوسىكىلتنى ئوغرىلاپ تۇتۇلۇپ قېلىپ 9 ئايلىق قاماقتا يېتىپ چىققانىكەن. بەلكىم مۇشۇ بىر قاتار ئىشلار ئۇنىڭ مۇشۇنداق رەھىمسىزلىك ئۆز يۈرەك پارىسىنى ئازابقا دۇچار قىلىش يولىغا باشلىغان بۆلىشى مۇمكىن دېدى كەنت باشلىقى.
گۇاڭشى نەننىڭ تاماكا زاۋۇتىنىڭ قۇرۇلۇش ئورنىدائوت كەتتى،قو...
شىنجىن شەھەرلوخۇ دابىر ئاپتۇبۇس تۇيۇقسىز يولدىن چىقىپ كېتى...
روسىيە قورال-ياراغ سودىگىرى بۇتېنىڭ ئايالى ئامېرىكىدا تۇرۇ...
تالىبانلار تۇتقۇن قىلىۋالغان شۋېتسارىيەلىك ئەر-ئايالنىڭ قۇ...
ھىندونېزىيە 2004-يىلدىكى ھىندى ئوكيان دېڭىز شاۋقۇنىنىڭ 7 يىلل...
89ياشقا كىرىپمۇ پاراشوت بىلەن سەكرەشنى داۋام ئېتىپ كەلگەن شا...