ئەنگىلىيەدىكى <تېلېگىراف خەۋەرلىرى گېزىتى> تۈنۈگۈن مۇنداق خەۋەر بەردى:يېقىندا ئەنگىلىيە خان ئوردىسىدىكى 465 ياساۋۇلنىڭ ئۆتكەن تۆت يىلدا 685 قېتىم جىنايەت ئۆتكۈزۈپ،سوتقا ئەرز قىلىنغانلىقى ئاشكارىلاندى.
خەۋەردە يەنە مۇنداق دېيىلدى:شاھزادە خارى تۇرۇۋاتقان ئەنگىلىيە پادىشاھلىق چەۋەندازلار بىڭتۈەنىدىن تاللانغان بۇ ياساۋۇللار ئاساسەن ئوغرلىق قىلغان،باشقىلارغا زوراۋانلىق ھۇجۇمى قىلغانلارمۇ بار،بەزىلىرى جىنسىي سەتچىلىك ۋە زەھەر چېكىش قىلمىشىنى سادىر قىلغان.